ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-02-24 16:39:34 جەمئى 18638 قېتىم ئوقۇلغان.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىدى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىدى
24- فېۋرال the apolitical تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا چىقارغان قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان.
خەۋەردە، خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ د ئو ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا چىقارغان قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىنغانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سىياسى ۋە مەدەنىيەت، دىن جەھەتلەردە قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە چىقارغان قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقنى بىكار قىلىشى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر سىياسى يېتەكچىلىرىنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
د ئۇ ق رەئسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ،« ئەسلىدە قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى مىنىڭ ئۈستۈمدىن چىقىرىلماسلىقى كېرەك ئىدى. خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمى بىلەن ماڭا قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. خىتاينىڭ بېسىمى ھەر قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەتراپلىق تەكشۈرىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس ماڭا چىقىرىغان قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىدا خىتاينىڭ ماڭا قىلغان تۆھمىتىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكى تەكشۈرۈلمىگەن» دىگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 1988- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىش سەۋەبىدىن خىتاي تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىپ 1990- يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان. 1996- يىلى كۆچمەنلىك سالاھىيەت ئىلتىماسى تەستىقلىتىپ گىرمانيە نوپۇسىغا ئۆتكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ