ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي گۇاڭشىدا خەلق ئاممسىنى رەھىمسىزلارچە باستۇردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-01 11:30:41 جەمئى 1880 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي گۇاڭشىدا خەلق ئاممسىنى رەھىمسىزلارچە باستۇردى

خىتاي گۇاڭشىدا خەلق ئاممسىنى رەھىمسىزلارچە باستۇردى

30 – نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنىلىق كۆرۈنۈشتە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ گۇاڭشىدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان خەلق ئاممسىنى قاتتىق باستۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
ۋەقە 28- نويابىر گۇاڭشىنىڭ پىڭشاڭ شەھىرى بەنتۇ كەنتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى خىتاي يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ كەنت ئاھالسى قوشۇلمىغان شارائىت ئاستىدا 400 مۇ يەرگە قۇرۇلۇش باشلاشتىن كېلىپ چىققان. خىتاي دائىرلىرى بىر مو يەرگە 50 مىڭ يۈەنىنى پۇل بېرىپلا باشقا تۆلەم بەرمەستىن يەر قېزىش ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىنى بۇزغان. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يولسىزلىقىغا غەزەپلەنگەن كەنت ئاھالىسى يەرلىك دائىرلەر بىلەن قاتتىق تونۇشقان. دائىرىلەر كەنت ئاھالىسىنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن تارقاقلاشتۇرغان بولسىمۇ غەزەپلەنگەن خەلقنى توختىتالمىغان.
29- نويابىر خىتاي دائىرلىرى تولۇق قوراللانغان بىر قانچە مىڭ زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتىنى ئىشقا سېلىپ خەلقنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغاندا، خەلق بىلەن يەرلىك دائىرىلەر قاتتىق توقۇشقان. خەلق قىش پارچىلىرى، تاش، كالتەكلەر بىلەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر كەنتنى بىر پۈتۈن قورشاپ كەنتتىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنى تاقاپ قويۇپ بىر تەرەپتىن تۇتقۇن قىلىپ ، بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ يانڧۇنغا ئالغان نەخ مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنى مەجبۇرى يۇيۇۋەتكەن.
توقۇنۇش نەتىجىدە 40 كەنت ئاھالسى تۇتقۇن قىلىنىپ تۆت كىشى يارىلانغان. بىر كىشى ئېغىر يارىلىنىپ ھۇشىدىن كەتكەن.

ۋەقەنىڭ رەسمى تىنجىتىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ