ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ نېمە قىلماقچى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-07 16:28:02 جەمئى 2153 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تەشۋىقات ئۈسكۈنىسىگە ئايلاندۇرۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا بۆلۈنىش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ

خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ نېمە قىلماقچى

7- مارت ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالنى ئىگىلەشكە باشلىغان.

خەۋەردە، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مەلۇم ئۇيغۇرنىڭ ئۈندىدارىغا ناتونۇش بىركىشىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى، ناتونۇش  كىشى ئۇچۇرىدا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى، ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، ناتونۇش كىشى ئامېرىكىدىكى« ئۇيغۇر جەمئىيىتى» مەلۇم بىر ئەزاسىنىڭ نىمتە ئىش قىلىدىغانلىقى، ئايلىق كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى بىلمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۈندىدارىغا ناتونۇش بىر كىشنىڭ قوشۇلۇپ قالغانلىقى بىراق ناتونۇش كىشىنى ئۈندىدارىغا قوشمىغانلىقىنى، ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ تۇغقىنىدىن« ناتونۇش كىشىنى چوقۇم قوشۇۋېلىشنى، بولمىسا ئۆزىنىڭ قېين ئەھۋالدا قالىدىغانلىقى » ھەققدە ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى ئاشكارلىغان.

ئامېرىكىدىكى « ئۇيغۇر جەمئىيىتى» رەئسى دىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ،« خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تەشۋىقات ئۈسكۈنىسىگە ئايلاندۇرۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا بۆلۈنىش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ