ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-12 16:03:40 جەمئى 2034 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا باشلىدى

خىتاي پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا باشلىدى
11- يانۋار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەش ھەققىدە جەدۋەل تارقاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.
خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان جەدۋەلدە، ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىسم - ڧامىلىسى، پاكىستاندىكى ئادرېسى، ئايالىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، بالىلىرىنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادرېسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئادرېسى، كۆچۈپ كەلگەن دۆلىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە، جەدۋەلنى تولدۇرمىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى، ئوقۇشقا روخسەت قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىش بىلەن بىرگە، جەدۋەلنى تەلەپ بويىچە تولدۇرغانلارنى ئىقتىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالداشقا ئۇرۇنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ