ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي لاگىر مەخپىيەتلىكىنى يۇشۇرۇش تەدبىرىنى كۈچەيىتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-14 10:27:00 جەمئى 10146 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ لاگېرلارنى خەلقئارادىن يۇشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان«مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمنامىسى» تارقالدى.

خىتاي لاگىرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى يۇشۇرۇش تەدبىرىنى كۈچەيىتتى

13- دېكابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ لاگېرلارنى خەلقئارادىن يۇشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان«مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمنامىسى» تارقالدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ «تەبىيىلەش مەركىزى» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرى خەلقئاراغا پاش بولۇپ خىتاي قاتتىق بېسىمغا ئۇچراشقا باشلىغان بىر پەيىتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لاگېرلارنى تاقاشنى ئويلاشماي بەلكى لاگىرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھەققىدە تەدبىر ئىشلىتىپ كېلىشىمنامە تارقاتقان. كېلىشىمنامىگە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان.
مەزكۇر كېلىشىمنامىدە ئاقسۇ ئاۋات ناھيىسى ئاتالمىش « تەربىيىلەش مەركىزى» لاگېرنىڭ تامغىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا لاگېرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ كېلىشىمنامىدىكى كېلىشىم تۇزۈدىغان ئىككى تەرەپنىڭ بىرى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان تۇتقۇن يەنە بىر تەرەپ لاگېر مەسئۇللىرى ئىكەن.
خىتاي دائىرلىرى كېلىشىمنامە ئارقىلىق لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى چ چ، ئۈندىدار، دوستلار چەمبىرىكى، ئېلخەت ساندۇقى، قىسقا ئۇچۇر، ڧاكىس قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى بىلەن لاگېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق سانلىق مەلۇمات، ئۇچۇر، لاگىرنىڭ كۆلىمى قاتارلىقلارنى يوللاش ياكى تارقاتماسلىققا قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان. ئەگەر لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن لاگېرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىماي پاش قىلىپ قويغانلارنى خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىش ھەمدە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە تەھدىت سالغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ