ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي زۇلۇمى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى

خىتاي زۇلۇمى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى

 

خايرېتتىن كارامان

 

    2018- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى

    خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. ئەمما قىلىنى تەۋرىتىپ قويغان يوق. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرى ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ زۇلۇمنى توختات دېيىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرىدۇ. دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تۆۋەندىكى  باياناتى ئارقىلىق، دۇنيادىكى ئۆزىنى ۋىجدانلىق دەپ قارايدىغان بارلىق ئىنسانلارنى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى توختات دېيىشكە چاقىرىق قىلىدۇ.

 

    ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ داۋاملىق دەخلى- تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقى شۇنداقلا خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئارقا- ئارقىدىن تارقالماقتا.

    بۇلارنىڭ بىرقىسمى تۆۋەندىكىچە:

    ئا- شەرقى تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مىليونلارچە پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرى ھالدا يىغىپ، ئۇلارنى «زامانغا لايىق تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش لاگېرلىرى» دەپ ئاتالغان مەجبۇرى ئىشلىتىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇن قىلىشى، غۇرۇرى ئاياق- ئاستى قىلىنىپ، دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، كىشىلىك تۇرمۇشى خانۇ- ۋەيران بولۇپ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىشى.

    ب- مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىدە، دىنى تەلىم- تەربىيە ئېلىشتا، دىنى سىموۋۇللىرىنى ئىشلىتىشتە، ئىبادەتلىرىنى نورمال ئېلىپ بېرىش ۋە ساياھەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بېسىمغا ئۇچرىغانلىقى.

    ج- مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىگە مەجبۇرىي ھالدا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇرلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈنلۈك ھاياتىنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىشى: خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش، رۇزا تۇتۇش، كىيىم كىيىش، ئۆيلىرىدە قۇرئان كەرىم، جەينىماز قاتارلىقلارنىڭ بار- يوقلىقىنى بىلىش، سىگارا، ھاراق قاتارلىقلارنى ئىچىپ- ئىچمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاش، بۇلار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت ياكى ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقانداق بىر قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى

ئېنىقلاپ، ئۇلار توغرىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئارقىلىق يېقىندىن نازارەتكە ئېلىش مەقسەتلىرى.

   

    بىز، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسەتلىرىدىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈۋېتىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى يوقىتىشنى  پىلانلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

    بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىگى، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ۋە ھەر خىل ناھەقچىلىكلەردىن كېلىپ چىقىدىغان ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا قارشى تۇرىدۇ، جاۋاپكارلارنى جىنايەتچى دەپ ھېسابلايدۇ ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق خەتەرلىك ئاقىۋەتنى سەمىگە سالىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىگى:

    1- خىتاي ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى، دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەت ۋە يېقىنچىلىقلارنى ئەسلەتمەكتە ۋە تەكرار- تەكرار خاتىرلەتمەكتە. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئاجزلاشتۇرۇش ياكى ئۈزۈۋېتىش ئەمەس، بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ مۇناسىۋىتىمىزنى كېڭەيتىشىمىز ۋە كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

    2- دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىگى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاز سانلىقنى ئىگىلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ھەق- ھوقۇقلىرىنى، دىنى ۋە مىللى ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ:

    * مۇسۇلمانلاردىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە سولانغانلارنى قويۇپ بېرىشنى، لاگېرلاردا مەجبۇرى ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنى ئازات قىلىشنى.

    * مەسچىت سېلىش، دىنىي تەلىم- تەربىيە، مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنداقلا باشقىلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ۋە توپلۇشۇپ ئېلىپ بارىدىغان ئىبادەتلىرىگە يول قويىشى ۋە ئۆزلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سىموۋۇللىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دىنى ئېتىقادى ھەم دىنى ھەق- ھوقۇق ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى.

   * خىتايدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق قانۇنلۇق پائالىيەتلىرى، ساياھەت قىلىش ھەققى، سەپەر قىلىش، قاتناش ھەمدە ئالاقە- ئۇچۇر قاتارلىق ھەقلىرىگە ئىگە بولۇشنى.

   * ئىسلام ھەمكارلىق ۋە ياردەم قۇرۇلۇشلىرى ھەمدە ئىسلام دۆلەتلىرىنى بولىۋاتقان ھەر بىر ئەھۋالغا قارىتا بىرمۇ بىر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ۋەقە ۋە ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشقا، تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا، خىتاي دائىرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) غا ئەزا ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى ئالدىدا كۈزىتىپ تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ.

 

    ئاللاھ خالىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ. (سۈرە يۈسۈف: 21- ئايەت)

 

    پراپپىسور دوكتۇر : ئەخمەت

    دۇنيا ئالىملار بىرلىگى باشلىقى: ئابدۇسالام ئەر رېيسۇنى

        دۇنيا ئالىملار بىرلىگى باش كاتىپى: ئېلى مۇھيىددىن ئەلقاراداغى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ