<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى كۆپەيتتى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى كۆپەيتتى
-7 مارت lastmin-flights تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي بۇ يىل دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى %10 كۆپەيتكەن.
خەۋەردە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق مۇداپىئە خىراجىتىنى  ئاشۇرۇش نىسبىتى ئالدىنقى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى، 2014-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى 132 مىليارد دوللار، 2015- يىللىق مۇداپىئە خىراجىتى 145 مىليارد دوللار، 2016- يىللىق مۇداپىئە خىراجىتى 147 مىليارد دوللار، 2017- يىللىق مۇداپىئە خىراجىتى 175 مىليارد دوللارغا كۆپەيگەنلىكىنى، 2018- يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا %10 كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرى بولسا، ئافرىقىدا ھەربىي بازا قۇرۇش،  دېڭىز ساھەسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق  سىرىتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلاش ھەرىكەتلىرىدىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ