ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي دائىرلىرى: ئۆي ساتساڭ خىتايغا سات ئۇيغۇرغا ساتما

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-28 11:01:18 جەمئى 2697 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي دائىرلىرى: ئۆي ساتساڭ خىتايغا سات ئۇيغۇرغا ساتما

خىتاي دائىرلىرى: ئۆي ساتساڭ خىتايغا سات ئۇيغۇرغا ساتما
27- نويابىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئۆي ساتماقچى بولغانلارنى ئۇيغۇرلارغا سېتىشنى چەكلەپ خىتايغا سېتىشنى تەشەببۇس قىلدى.
يېقىندا خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي سېتىۋىلىش، سېتىش ئەھۋالى تەسكە توختىغان ھەتتا خىتاي دائىرلىرى مېھمانخانىلارغا « مۇھىم ئەسكەرتىش» نامىدا مېھمانخانىغا ئۇيغۇر كەلگەن ھامان شۇ دائىرىدىكى مەسئۇل ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىش كېرەكلىكى، ئەگەر مەلۇم قىلمىسا مېھمانخانا ياكى ياتاقلارنىڭ تىجارىتى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
بىر خىتاي پۇقراسى مۇخبىرغا ئۆتكەن يىلى 10- ئايدا ئۆزىنىڭ ئۆينى ئۇيغۇرغا ساتماقچى بولۇپ رەسمىيەت ئۆتىگىلى بارغاندا، خىتاي دائىرلىرى ئۇنىغا ئۆيۈڭنى ئۇيغۇرغا ساتساڭ يۆتكەش رەسمىيىتىنى قىلىپ بەرمەيمىز دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئۆيىنى سېتىپ لېڧىتلىك ئۆيگە ئالماشتۇرۇشنى ئويلىغانلىقى، بىراق ئۆي رەسمىيىتىنى يۆتكىمەكچى بولغاندە خىتاي دائىرلىرى ئۆيىنى پەقەت خىتايغا ساتسىلا رەسمىيەت يۆتكەش ئىشىنىڭ قۇلاي بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە خىتاي ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش سىياسىتىنى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كېڭىيىشكە باشلىغانلىقى، يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى شىيۈەن ساقچىخانىسى مېھمانخانىلارغا، مېھمانخانىغا ئۇيغۇر چۈشكەن ھامان دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى، ئەگەر مەلۇم قىلماي بايقىلىپ قالسا مېھمانخانىنىڭ تىجارىتى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ