<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا نىمىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا نىمىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى
5- مارت شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا باشلانغان.
خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ يېغىن 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن، يېغىندا لى كېچياڭ دوكلات بىرىپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئىچىدە دۆلەت رەئىسىنىڭ دائىم ۋەزىپە ئۆتەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش بەلگىلىمىسىنى كۆپەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
لى كېچاڭنىڭ كەلگۈسى خىزمەت پىلاننى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان بولسىمۇ بىراق بۇرۇن خىتاي دائىرلىرى خىزمەت دوكلاتلىرىدا دائىم تىلغا ئالىدىغان « خوڭكوڭلىقلارنى خوڭكوڭلۇقلار باشقۇرۇش، ئامىننى ئاۋمىنلىقلار باشقۇرۇش» دېگەن سۆزلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ھەمدە خىتاي قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مۇخبىرلارنىڭ «شىجىنپىڭ مەڭگۈ رەئىس بولۇش مەسىلىسى يىغىندىكى بېلەت تاشلاشتا رەسمىي كۈچكە ئىگە بۇلارمۇ؟» دېگەن سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزنى قاچۇرۇشى خەلقئارانىڭ جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ