1- دېكابېر خىتاي خەلق تورىنىڭ بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تەيۋەن مەسىلىسدە ئامرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تەيۋەن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىىسدىكى مۇناسىۋەتتە ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىغا چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بۇغۇزىدىن ئۆتۈشىنى يېقىندىن كۆزەتكەنلىكىنى،
ئامېرىكىغا تەۋە 2 ئۇرۇش پاراخوتى ئىيۇل ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىدا تەيۋەن بۇغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى، «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا ئاساسەن خەلقئارا جامائەتچىلىك ئارىسىدا خىتايغا پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى جاكارلىسا، ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.