ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تۈركىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا نېمە مەقسەتلەر بىلەن قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-17 09:52:14 جەمئى 7776 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تۈركىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا نېمە مەقسەتلەر بىلەن قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ؟

خىتاي تۈركىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا نېمە مەقسەتلەر بىلەن قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ؟

بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان  Ahmet  kılbitmez ئەپەندى يازغان بولۇپ، قېرىندىشىمىز  نومۇسسىز ئىپلاس خىتتـايلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۈركىيە مەھكىمىلىرىگە ئەرىز قىلىۋاتقانلىقلىرى ھەققىدىكى كۆز ــ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئەدلىيە ــ قانۇن ساھەلىرىدىمۇ ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز  ،  بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ  ئىككى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرى تەرىپىدىن مەخسۇس ئېلىپ بېرىلىشى تولىمۇ مۇھىم ۋە ھەيران قالارلىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ  ،  چۈنكى خىتتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئورگىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھېسابلىنىدۇ.

خــىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ يېقىن مەزگىلدە قانۇن ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرى ئەسناسىدا بېسىلغان قەدەملەر قايسىلار  ؟

   ئىككى دۆلەتنىڭ ئەدىلىيە مىنىستىرلىقلىرى تەرىپىدىن ئورتاق چىقىرىلغان قارارلار نەتىجىسىدە تۈركىيەدىكى ھاكىم ۋە سوتچىلارنىڭ خىتتايغا بېرىپ خىتتاي تىلى ئۆگىنىش قارار قىلىندى  ،  بۇ قاراردىن كېيىن تۈركىيە ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ھەممە ئۆلكە ــ ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەدىلىيە ئورۇنلىرىغا خەت ئەۋەتىپ خىتايغا بېرىپ خىتتايچە ئۆگىنىشنى خالايدىغان ھاكىم  ۋە سوتچىلارنىڭ تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلدى.  خىتتايغا بېرىپ خىتتايچە ئۆگىنىشكە تىزىملاتقان ھاكىم ۋە سوتچىلار تەخمىن قىلىنغان ساندىن ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ تۈركىيە ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى ساننىڭ كۆپلىكىدىن تىزىملاتقۇچىلارنى رەتكە تىزىپ نۆۋەت بويىچە خىتتايغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك تۈركىيەدە بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈرك ھاكىم ۋە سوتچىلارنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگىنى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش بولۇپ خىتاي بۇ تۈردە تۇنجىسى ھېسابلىنىدۇ  ،  غەيرى رەسمى بىر مەنبەدىن ئالغان خەۋىرىمگە كۆرە خىتايغا تىل ئۆگىنىشكە بېرىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ھاكىم ۋە سوتچىلارنىڭ سانى بەش مىڭدىن يۇقىرى بولۇپ تۈرك ھاكىم ۋە سوتچىلارنىڭ خىتتاينى بۇ قەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقى ھەمدە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە بۇنچىۋالا ھېرىسمەنلىكى بىر تەرەپتىن مىنى قورقۇتتى يەنە بىر تەرەپتىن تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. 

خىتاينـىڭ تۈركىيەدىكى غالچىسى خائىنى ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىۋاتىدۇ.  بۇ خائىننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايمەن.  ئەمما بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر بىر تىجارەتچى ئىكەنلىكى  ،  خىتتاي  بىلەن  تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى كېسىپ ئېيتالايمەن.  كۆپ كىشىلەر بۇ خائىننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، كۆزىتىشىمچە بۇ خائىن مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە تۈركىيە ئەدىلىيە مىنىستىرلىرى ، مىنىستىر ياردەمچىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى ھەتتا بۇ مۇناسىۋەتنى دوستلۇق سەۋىيەسىگە يەتكۈزدى. بۇ يېقىن مۇناسىۋەتلەر ــ دوستلۇقلارنىڭ تاساددىبىيلىق ئەمەسلىكى بىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ پىلانلىرى ئىجرا قىلىنغۇدەك شەرت ــ شارائىت يارىتىلىشى ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم .

خىتتاي  نېمە مەقسەت بىلەن تۈركىيەنىڭ قانۇن ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتىدۇ  ؟

مېنىڭچە پۈتۈن بۇلارنىڭ بىرلا سەۋەبى بار ئۇ بولسىمۇ خىتتاي قانداق بىر ۋاقىتتا قايسى بىر ئۇيغۇرنى تۈركىيەدىن تەلەپ قىلغان ھامان ئاسان قايتۇرۇپ ئەكىتەلىشى ئۈچۈندۇر،  بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي تۈركىيەدىن بىر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىدا تۈركىيە سوت مەھكىمىسىدە رەت قىلىناتتى  ،  مۇنداقچە ئېيتقىنىمىزدا خىتاي سىياسى مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق بىر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى ۋە بۇ ئۇيغۇر قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوت مەھكىمىسىدە داۋاسى ئۇزۇن سۈرگەندىن كېيىن مەھكىمىنىڭ رەت قىلىش قارارى بىلەن نەتىجىسىز ئاياغلىشاتتى بىراق بۇنىڭدىن كېيىن خىتتاينىڭ بىۋاستە ئالاقە قىلالايدىغان ئەدىلىيە مىنىستىرلىرى ، ھاكىم ۋە سوتچىلىرى بار بولىدۇ.

خىتاي  ئالدىمىزدىكى يېقىن مەزگىلدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا  مىسىردىكىگە ئوخشـاش ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنمــۇ   ؟  

 ھەئە بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقــى بار.  خىتتايغا بېرىپ خىتتايچە ئۆگىنىپ كەلگەن ئەدىلىيە مىنىستىرلىقىدىكى خادىملار.  ھاكىم ۋە سوتچىلار ئارقىلىق مىسىردىكىگە ئوخشاش ھەرىكەت ئېلىپ  بېرىشى مۇمكىن.

خىتاي تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قانۇنلۇق سىياسى مۇھىت ھازىرلاۋاتامدۇ  ؟ 

بۇ نۇقتىدا قانۇنلۇق دېگەن سۆز تولىمۇ مۇھىم بولۇپ  تۈركىيەدە مىسىردىكىگە ئوپمۇ  ــ  ئوخشاش  ھەرىكەت  ئېلىپ بارالمايدۇ. تۈركىيە دېموكراتىك بىر دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر ئىدارە ئورگان ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارىدۇ  مىسىردىكىگە ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ئورگىنى بىرلا مەركەزدىن باشقۇرۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە تۈركىيەدىن تەلەپ قىلغان ئادىمىنى قايتۇرۇپ ئالالمىــدى  ،  ئەممـــا  شۇنى  ئوچۇق  دېيەلەيمەنكى  ھازىر خىتايلار  تۈركىيەدە  مۇشۇنداق  بىر  ھەرىكەت  ئۈچۈن  قانۇنلۇق  سىياسى  مۇھىت  ھازىرلىدى.

سۇ  ئۇخلىسا ئۇخلايدۇ ــ  دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ   

بىز سەل قاراۋاتقان ھېچقانداق بىر ئىشقا رەزىل دۈشمەنلەر ھەرگىز سەل قارىمايۋاتىدۇ ، جانابى ئاللاھتىن بۇ زۇلمەتلىك ئېغىر كۈنلەردىن ئەڭ تېز كۈندە قۇتۇلۇپ ۋەتىنىمزنىڭ ھۆرلۈكىگە ئېرىشىشنى تىلەيمەن  ،  تۈركىيەدىكى  چوڭلار جامائەت ئەربابلىرى  ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن يۈرىكى ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان ئەزىزلىرىمىزنىڭ ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقىدەك ئېغىر كۈندە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈستىدە ئىختىلاپلىشىشنى توختىتپ مۈرىنى  ـ  مۈرىگە تىرەپ ئىتتىپاقلىشىپ  خىتتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ رەزىل سۇيقەسىتلىرىگە قارشى ئۈنۈملۈك چارە  ــ  تەدبىر تېپىپ چىقىپ خىتتايلارنى  رەسۋا قىلىۋېتىشقا چاقىرىق  قىلىمــەن!     

تەييارلىغۇرچى: ئۇيغۇرجان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ