ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىنى ئالماشتۇغان

خىتاي تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىنى ئالماشتۇغان
ئۆز خەۋىرىمىز: ئىگىلىشىمىزچە خىتاي تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىنى ئالماشتۇرغان.
7- ڧېۋرال جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېڭىدىن ئالماشتۇرۇلغان خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە  خىتاي باش ئەلچىسى دېڭ لى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئىشەنچ مەكتۇپى تاپشۇرغان.
دېڭ لى 1988-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلار خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئافرىقا، ماۋرىتانىيە، ئالجىرىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاينىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
دېڭ لى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ئالاھىدە باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ