ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈرمىلەرگە ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى تارقاتتى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-30 14:45:47 جەمئى 3807 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈرمىلەرگە ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى تارقاتتى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈرمىلەرگە ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى تارقاتتى.
27‏-ئۆكتەبىر خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تۈرمىلەرگە زور كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى تارقاتقان.
ئېلاندا، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى، بۇ يىل ئىچىدە تۈرمىلەرگە 1013 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۈرمە خادىمى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى خىتاينىڭ ئۈچ مىليوندىن ئوشۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىش سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ لاگېرلار ھەققىدە خىتايغا بېسىم قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭ سەۋەبتىن خىتاي خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، تۇتقۇنلارنى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەن.
يېقىندا داجىيۈەن خەۋەرلەر تورى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرى خىيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى چىچىخار ناھىيىسىگە تەۋە بىر تۈرمىنى بىكار قىلىپ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنى سولىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن مەھبۇس يۆتكەش خىزمىتىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلارغا قەسەم قىلدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، يېڭى قوبۇل قىلىنغان خادىملارنىڭ ئىشخانا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى، ياخشى مائاش ۋە پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 1‏- تۈرمە، 3 ‏-تۈرمە، 4 ‏-تۈرمە ۋە ئاياللار تۈرمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ