ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ب م ت نىڭ لاگېرلارنى تەكشۇرۈشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-07 12:41:51 جەمئى 1699 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ب م ت نىڭ لاگېرلارنى تەكشۇرۈشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


خىتاي ب م ت نىڭ لاگېرلارنى تەكشۇرۈشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
6- يانۋار the news تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارى شۆھرەت زاكىر ب م ت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش « تەربىيىلەش مەركىزى» لاگىرىنى تەكشۈرۈشكە كەلسە قارىشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قورچاق ئەمەلدار بۇ سۆزنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغان قويغان بولۇپ، سۆزىدە يەنە، «چەتئەللىكلەر خىتاينىڭ مەنپەتىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىغا زىيان سالىدىغان ئىشنى قىلماي ئاتالمىش « تەربىيىلەش مەركىزى» لاگېرلارنى ئەمەلى تەكشۈرۈپ ئەھۋالى ئىگىلىشىنى قارشى ئالىمىز » دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
قورچاق ئەمەلدار شوھرەت زاكىر مۇخبىرلار غا يەنە، شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېرلارنى ئاقلايمەن دەپ، شەرقىي تۈركسىتان خەلقنىڭ ئۆمۇميۈزلۈك خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي ئۆتكەن يىلى يىل بېشىدا شەرقىي تۈركىستاندا « تەربىيىلەش مەركىزى» دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقنى ئىنكار قىلىغان بولسىمۇ بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق بېسىمى بىلەن يىل ئاخىردا « تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ