ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-01 14:48:38 جەمئى 9492 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئالدى

خىتاي ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئالدى
1-مارت ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى خەلقئاراغا پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تۇغقانلىرى خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىندى.
خەلقىمىزگە تونۇشلۇق شۆھرەت ھۇشۇر ئەپەندىنىڭ ئۈچ ئىنىسى 2014- يىلى خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ،  بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئىككى ئىنىسى قويۇپ بېرىلگەن بىراق بىر ئىنىسى خىتاينىڭ « دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش » تۆھمىتى بىلەن بەش يىل كېسىلگەن. 2017- يىلى 9- ئايدا ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئىنىسى قايتا تۇتۇلۇپ ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېر»غا قامالغان. خىتاي شۇ ئارقىلىق شۆھرەت ھۇشۇر ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان زۇلۇمنى ئاشكارىلىماسلىققا قىستىماقچى بولغان. 

خەلقىمىزگە تونۇشلۇق مۇخبىر گۈلچېھرە خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن 20 نەچچە توغقىنى خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان . ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى مەمەتجان جۈمەنىڭ ئىككى ئىنىسى ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا خىتاي ساقچلىرى تەرپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر ئىنىسى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىدە ئىكەن، يەنە بىر ئىنىسىنڭ ھازىرغىچە ئىز- دېرىكى بولمىغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئاۋاز بۆلۈمىدىن قۇرباننىياز ئەپەندىنىڭ ئىنىسى خىتاينىڭ « مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى» تۆھمىتى بىلەن ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 6 يىل كېسلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ