<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-02 13:17:25 جەمئى 8408 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى
1-مارت خىتاي ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي بو يىل يىل بېشىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىشلەمچى يۆتكەپ كىلدىغان مەخسۇس پويىز ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، تۈنجى قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 2200دىن ئارتۇق ئىشلەمچى ئولتۇرغان K4339 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز چۇڭچىڭ شىمالى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، تۈنجى قېتىم كەلگەن ئىشلەمچىنىڭ بىر قىسمى ئۈرۈمچىدە قېلىپ، قالغانلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقىنى، خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرى ئاساسلىقى شاڭخەي، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، جېنجۇ، شىئەن قاتارلىق جايلاردىن شەرقىي تۈركستانغا كېلىدىغان ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن ھازىرغىچە 49 نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى، ئىشلەمچىلەرنى مەخسۇس توشۇش دولقۇنى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يوقىرىقى خەۋەر بىلەن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇيغۇر ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ياكى ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېر»غا قاماش ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىغا ئىش ئورنى ھازىرلاشتىن ئىبارەت خ رەزىل پىلانىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ