ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئىسلامغا قارشى ئۆچمەنلىك ھەرىكىتىنى خەينەن ئۆلكىسىگە كېڭەيىتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-10 12:06:13 جەمئى 2966 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى خىتاينىڭ خېبىي، خەينەن ئۆلكىلىرىگە كېڭەيتكەن.

خىتاي ئىسلامغا قارشى ئۆچمەنلىك ھەرىكىتىنى خەينەن ئۆلكىسىگە كېڭەيىتتى
8- يانۋار يەر شارى ۋاقىت گېزىتى بەرگەن خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى خىتاينىڭ خېبىي، خەينەن ئۆلكىلىرىگە كېڭەيتكەن.
خەۋەردە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسىتىنى ئاۋۋال تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا باشلاپ ئىككىنچى قەدەمدە خىتاينىڭ خېبىي، خەينەن ئۆلكىلىرىدە يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىستلىرى مەزكۇر رايونلاردىكى ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئەرەبچە يېزىقتا يېرىلغان شۇئارلار ۋە ئىسىملارنىڭ ھەممسىنى چەكلەشكە باشلىغانلىقى، بالىلار يەسلىدە يېزىلغان ئەرەبچە خەتلەرنى چەكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2018- يىلى 11- ئايدىن بىرى تۇڭگانلار توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان سەنيا شەھىرىگە تەۋە خۇيشىن ، خۈيخۈي رايوندا بىر قانچە قېتىن ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە، خىتاي بۇ سىياسىتىنى ئاقلاپ ڧانئەرەبچىلىككە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق كۈرەشكۈچىلەر خىتاي شەرقي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىشلەتكەن رەزىل تەدبىرلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا كېڭەيتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ