ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى دىنغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-05 12:27:53 جەمئى 3138 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى دىنغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى

خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى دىنغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى

زىمىستان تورىنىڭ-4 فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دىنغا قارشى تۇرۇش ۋەدىنامىسىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان.

خەۋەردە ئالدىنقى يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەسلىك، ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇش ۋەدىنامىسىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان خىتاي بۇ يىلدىن باشلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىمۇ دىنغا ئىشەنمەسلىك، ھەر قانداق دىنغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى، دىنغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدە توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىلىم-پەننى قەدىرلەش، دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلىش، دىنغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى، ئىسلام دىنغا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسدا تىكلەشكە باشلىغانلىقى، ھەتتا ئەھدىنامىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەپ ئۇرغانلىقى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدا دىنغا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىر تۇتاش ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ، دىنغا قارشى تۇرۇش، توردا دىنغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆرمەسلىك ھەققىدىكى ئەھدىنامىگە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى قول قويۇشقا مەجبۇرلاشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ