<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئامېرىكىنىڭ باج قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-05 16:38:44 جەمئى 1446 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ باج قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ باج قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

5- مارت تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشچە، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىغا قوشۇمچە باج قويۇش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ يېسۇي خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشقا كىرگۈسى يوقلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

خىتاي پارلامېنتىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا سۆز قىلغان جاڭ: دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا قاراپ ئولتۇرمايمىز، دېدى.

بۇرۇن خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن جاڭ، سودىدا دىيالوگنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇڭا  مەسىلىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: « خاتا ئەقىل ئىشلىتىپ قارارلار ئاساسەن چىقىرىلسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ ۋە ھېچكىم كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.» دېگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ