ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرگە ئورناتقان كۆزىتىش كامېراسىدىن نېمە تاپماقچى؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2012-11-01 20:11:01 جەمئى 5998 قېتىم ئوقۇلغان.

ۋەتەندىن ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن مەسچىتلەرگە كۆزىتىش كامېراسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرگە ئورناتقان كۆزىتىش كامېراسىدىن نېمە تاپماقچى؟ۋەتەندىن ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن مەسچىتلەرگە كۆزىتىش كامېراسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، كامېرا ئورنىتىش ئۈچۈن ھەر- بىر مەسچىتكە ئاز دېگەندە 14000 خىتاي پۇلى كەتكەن، مەلۇم بولىشىچە كامېراغا كەتكەن چىقىملارنى شۇ مەسچىتنىڭ جامائەتلىرىدىن ئالغان. ھەممىمىزگە مەلۇمكى مەسچىت بولسا مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئورۇندا پۇل تېپىش مۇمكىنچىلىكى بولمايدۇ، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىقتىساد مەنبەسى تېخىمۇ يوق. بۇنداق ئەھۋالدا بىر كامېراغا كەتكەن 14000 يۈەن پۇلنى تۆلىمەك يېزا مەسچىتلىرى ئۈچۈن قىيىن بىر ئىش. خىتاي ھاكىمىيىتى مەسچىتكە كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى سەۋەبى نېمە؟ئەسلىدە كامېرا دېگەننى دۇكان، ئىدارە ئورگان، ئىشخانا، بانكا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىدىن ساقلاش ئۈچۈن قويۇلىدىغان نەرسە ئىدى، لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتى يۇقارقى ئورۇنلارنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇنغا كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇشى تولىمۇ پەسكەشلىك بىر ئىش، ئەلمىساقتىن تارتىپ مەسچىتكە قاراۋۇل قويۇپ كەلمىگەن، چۈنكى ھەرقانداق بىر ئوغرىنىڭ مەسچىتكە كېرىپ نەرسە كېرەكلەرنى ئوغرىلاپ ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەشەددى قارا قوساق ئوغىرىمۇ مەسچىتنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئوغۇرلىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چەتئەللەردىكى مەسچىتلەردە قويۇلغان كامېرالار بولسا مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈچلەرنىڭ مەسچىتكە كېرىپ مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرگە قويۇلغان كامېرالارچۇ؟ ئۇ كامېرالار قايسى زىيانكەش ھاشارەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قويۇلغان؟ مۇسۇلمانلارغا قارشى خىتايدىن باشقا كۈچلەرمۇ بارمۇ؟ دىنسىز، دىن دۈشمىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان كوممۇنىست كاپىر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇ كامېرالارنى قويغانمۇ؟ كىچىك بالىلارنىڭ، ئاياللارنىڭ، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مەسچىتكە كېرىپ ئىبادەت قىلىشىنى، توپلىشپ دىنى ئىبادەت قىلىشنى، خالىغان ئادەمنىڭ ھەجگە بېرىشىنى، بالىلارنىڭ دىنى بىلىم ئېلىشنى چەكلىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتتە خاتىرجەم ھالدا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كامېرا ئورۇنلاشتۇرارمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ئىبادەت قىلماسلىقى، مەسچىتكە قانداق ئادەملەرنىڭ كىرىشى، نېمىلەرنى سۆزلىشى ئۈچۈن قويۇلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كامېرا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش. چۈنكى شەرقى تۈركىستان خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن يېزىلاردا كىچىك بالىلارنىڭمۇ مەسچىتكە كېرىش ئەھۋاللار مەۋجۇت، خىتاي ھاكىمىيىتى قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاسمىلاتسىيە قىلىش توغرىسىدا كۆپلىگەن رەزىل پىلانلارنى تۈزۈشمەكتە. بۇلارنىڭ مەسچىتلەرگە بىرقىسىم مۇناپىق موللىلارنى ئىمام قىلىش، جامائەت ئارىسىغا پىتنە سېلىپ بۆلگۈنچىلىك سېلىشتەك رەزىل قىلمىشلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا بولغان ئىشتىياقىدىن قايتۇرالماي ئاخىرى مەسچىتتە نېمىلەرنى قىلىۋاتقاندۇ، كىملەر كىرىۋاتقاندۇ دەپ تىت- تىت بولغان بۇ دىنسىزلار ئۆزلىرى قويغان جاسۇسلىرىغىمۇ ئىشەنمەي ئاخىرى نەق مەيداننى كۆرسىتىدىغان كۆرسىتىش كامېراسى ئورناتقان. ئەمما بۇ تويمىغۇر بۇلاڭچىلار مەسچىتلەرگە ئورناتقان كامېراغا كەتكەن پۇلغا چىدىماي كامېرانىڭ پۇلىنى مەسچىتنىڭ جامائەتتىن مەجبۇرى ئالغان. ئىقتىسادى يوق مەسچىتلەر بولسا ئامال يوق قۇربان ھېيتتا مەھەللىدىكىلەرنىڭ بوغۇزلىغان قۇربانلىق كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى ئۆيمۇ- ئۆي يىغقان. يىغقان تېرىلىرىنىڭ پۇلى كامېرا ئورناتقان قەرزگە يېتىشمىگەچكە قالغان كام قالغان قىسىمىنى كېيىن بېرىدىغانغا كېلىشكەن.جانابى ئاللاھدىن پات ئارىدا ئەشۇ دىن دۈشمىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان دىنسىز، كوممۇنىست كاپىر خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۆز- ئارا پارچىلىنىپ يىمىرىلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىزراق مۇستەقىل بولۇشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆر ۋە ئازات بولۇشىنى تىلەيمەن.   پىداكار « شىۋېتسىيە »


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ