ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە سوغۇق ئاپىتى 119 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق ماددىي زىيان سالغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-04 17:54:29 جەمئى 9343 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە سوغۇق ئاپىتى 119 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق ماددىي زىيان سالغان

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە سوغۇق ئاپىتى 119 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق  زىيان سالغان

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە نەچچە كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق يامغۇر ۋە قار 79 مىڭ 560 گېكتار تېرىلغۇ يەرنى ۋەيران قىلىپ، 119 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق ماددىي زىيان بولغان.
خەۋەردە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 08:00 دىن باشلاپ، 5000 دىن ئارتۇق كىشى باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلقى، خۇنەت ئۆلكىلىك جىددىي ھالەت ئىدارىسى تەخمىنەن 39 مىڭ كىشى ھازىرمۇ تۇرمۇش بويۇملىرىغا مۆھتاج ئىكەنلىكى، يامغۇر بىلەن قار 79 مىڭ 560 گېكتار تېرىلغۇ يەرنى ۋەيران قىلىپ، 119 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق ماددىي زىيان بولغانلىقى، يەرلىك خەلقنىڭ يېمەك – ئىچمەك، سۇ، پاختا يوتقان قاتارلىق بۇيۇملارغا جىددى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، قار ۋە يامغۇرنىڭ 8 – يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە خەلققە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ