<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش لېكسىيەسى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

 

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نامى ئاستىدا، دىىنىمىزنى خۇنۈك، قالاق، رەزىل قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

22- ماي خىتاي شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش لېكسىيەسى بويىچە تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋە مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى قاتناشقان.

يىغىندا، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالتە نەپەر لېكىسيە سۆزلىگۈچى دوكلات بېرىپ ئۆتكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، يىغىندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچنىڭ رەزىل نىيىتى ۋە جىنايى قىلمىشلىرىغا بولغان تونۇشى ئېشىپ، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي دائىم خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئاز ساندىكى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتى، مىللەت ۋە دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى. ئەمما بۇلارغا قارشى تۇرۇشتا بولسا، تىغ ئۇچىنى دىنغا، پۈتكۈل مىللەتكە قاراتتى. مەسىلەن، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش سەپسەتىسى. ئەگەر خىتاي دىنغا قارشى تۇرمايدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن 18 ياشتىن ئېشىپ بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا ئۆلگۈدەك توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟

بۇ يەردە، بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا بار.

بىرىنجىدىن، خىتاي ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقى تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كېرىشتەك باش جىنايەتنى ئۆتكۈزدى ۋە بۇ تاجاۋۇچىلىققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلارغا بۆلگۈنچى قالپىقىنى كىيگۈزدى.

ئىككىنجى، خىتاي دىنىي ئەركىنلىككە قاتتىق چەك قويۇپ كەلدى. دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى بار دەپ تۇرۇقلۇق، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دىنىي ئىلىم ئۆگىنىشىگە ۋە دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، دىنىي چەكلىمىلىرىنى كۆپەيتتى. بۇ چەكلىمىلىرىنىڭ سىرتىدا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغانلارغا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دېگەن قالپاقنى كىيگۈزدى.

ئۈچىنجىدىن، خىتاي شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئۆزىنىڭ يولسىز سىياسەتلىرىدىن كۆرمەي، ئەكسىچە بۇنى سىرتتىن كىرگەن ئىدىيە دەپ بۇرمىلاپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېرىشىنى چەكلەشكە ئورۇندى. چەتئەلدە خىتايغا قارىشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلارغا چىگىرا سىرتىدىكى كۈچلەر دېگەن قالپاقنى كىيدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن، خىتاي ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. يېقىندا بۇنىڭغا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دېگەن يېڭى بىر سەپسەتىنى قاتتى. بۇلانى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ھەم خەلقنى ئالدىدى ھەمدە دىنىمىزغا قارشى باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە دىنسىزلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.

خىتاي ئۇيغۇرلارغا قالپاق كىيدۈرمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشغالچى، تاجاۋۇزچى ۋە دىن دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

مەسئۇد


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ