ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىراتېگىيىسى

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىراتېگىيىسى

ياۋۇز كېرىم ئوغلۇ

 

    ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولىدۇ. ئەمما بۇ مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجىلىرىنى بەلگىلەشتە پەقەت سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    1992- يىلى خىتاينىڭ ئىدئولوگىيىدە قېرىندىشى بولغان سوۋۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى. خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن، بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىستىراتېگىيىسىنى بەلگىلەشتە كەڭ دائىرىلىك ئىمكان ۋە يېتەرلىك شارائىتقا ئىگە بولدى. بۇ جەرياندا جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئۆزىگە پايدىلىق بولغان كۆپلىگەن سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. سوۋۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن خىتاينىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە نوپۇسى، ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچىيىشى بىلەن تېزلىكتە تەرەققى قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قوللانغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئىستىراتېگىيىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

    20- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىياغا ھاكىم بولغان رۇسىيە ھازىرمۇ  بۇ رايوندا ئۆز تەسىرىنى

ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئەمما رۇسىيىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ۋە غەرب دۇنياسىغا قارىتا قوللىنىۋاتقان سىياسەتلىرى سەۋەبلىك بۇ رايوندىكى تەسىرى ئاجىزلاپ بارماقتا، شۇنداقلا بەزى جەھەتلەردە خىتايغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا. ئەمما خىتاي يەنىلا رۇسىيە بىلەن بولغان رىقابەتتە بىۋاستە قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللانماي، يەنىلا ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىگە تايىنىپ، ھەتتا بەزىدە ھەمكارلىشىپ ئېھتىيات بىلەن ئىش ئېلىپ بارماقتا. بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىشى بۇ دۆلەتلەرگە بەزى يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە، ھازىر بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن ئىقتىسادى پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئەمما ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن ۋادىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مەسىلىلەر، ئەمىلىيەتتە پايدا ئالغۇچىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە، ھەتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىگە تەھدىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

 

كۈچەيگەن مۇناسىۋەتلەر

 

    ھازىر خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن كۆپلىگەن مەسىلىلەردە سىياسىي جەھەتتىن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ 1996- يىلى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىنتايىن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن تەشكىلاتقا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر بەزى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زىددىيەتلىشىپمۇ قالدى. ئەمما خىتاي بولسا بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلدى ۋە ئۆزىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يېقىن تۇتۇشقا تىرىشتى. خىتاي بۇ جەرياندا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى ھەمدە ھەر پۇرسەتتە ئۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.

    خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى شەكىللەندۈرگەن يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، بۇ رايوندىكى ئەسكىرى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئەسكىرى بازىسى ياكى بىخەتەرلىك سىستېمىسى بولمىسىمۇ، بۇ رايوندىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەر بىرى بىلەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھەمكارلىشىپ كەڭ دائىرىدىكى ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بۇ رايوندا ئۆز ئىمكانلىرىدىن تولۇق پايدىىنىپ، 2002- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 30 قېتىمغا غا يېقىن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2016- يىلى خىتاي بىلەن تاجىكىستان بىرلىشىپ پامىر تاغلىرى (ئافغانىستان چېگرىسى)دا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 10 مىڭ كىشىگە يەتتى.  خىتاي تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبېكىستانغا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان، بۇ ئايرۇپىلانغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەر، (HUNTSİ-9) ناملىق ئايرۇپىلانغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم قورال- ياراغلارنى سېتىپ بېرىش جەھەتتە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن سىياسەت قوللىنىپ بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتى. خىتاي يەنە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۆكتىچى كۈچلەر ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەشلەردە داۋاملىق بۇ دۆلەتلەرنى قوللاپ كەلدى. خىتاي مانا مۇشۇنداق سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. بۇ جەريانداا بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولدى.

    خىتاينىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئۆخشاشلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلمۇ ئىقتىسادتۇر. خىتاينىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىشى ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىلەن، ئۇنىڭ داۋاملىق خام ماددا يەنى كان بايلىقلىرىغا، ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن چوڭ بازارلارغا ۋە ھەر ئىككىسى ئۈچۈن يېتەرلىك شارائىتقا ئېھتىياجى چۈشمەكتە. خىتاي ئۆزىگە قارىغاندا ھەر جەھەتتىن ئاجىز، لېكىن كان بايلىقلىرى جەھەتتە ناھايىتى باي بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈلگەن ئىستىراتېگىيلىك پىلان بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پىلانلىرىدىن بىرسى بولغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالساق، خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

     مىسال؛

     تۈركمەنىستان تەبى گاز زاپىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 4- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئىشلەپ چىقارغان تەبى گازلىرىنىڭ بىر قىسمىنى 1990- يىللاردىن 2000- يىللىرىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيىگە، يەنە بىر قىسمىنى رۇسىيىنىڭ Gazprom دۆلەت شىركىتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياۋرۇپا، ئىران ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساتاتتى. خىتاي بۇ جەرياندا تۈركمەنىستانغا 8 مىليارت دوللار مەبلەغ سالدى ۋە تۈركمەنىستانغا (قازاقىستان، ئۆزبېكىستان زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) 1.800 كىلومېتىرلىق گاز تۇربىسى ياتقۇزدى. ھازىر تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن گاز سېتىش شەرتلىرىدە بەزى ئىختىلاپلار كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن تۈركمەنىستان گېزىنىڭ ئەڭ مۇھىم خېرىدارى خىتاي بولۇپ قالدى. خىتاي بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ گاز ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىۋېلىش توختىمىنىڭ ۋاقتى 2038- يىلى توشىدۇ. دېمەك،  بۇ جەرياندا خىتاينىڭ گازغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقان سېرى ئالىدىغان گاز مىقدارىمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ.

    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۆزبېكىستانمۇ خىتايغا تەبى گاز، نېفىت، ئوران ۋە پاختا قاتارلىقلارنى سېتىپ بەرمەكتە. ھازىر ئۆزبېكىستاندا خىتاينىڭ تېلېفون شىركەتلىرى، سانائەت تېخنىكا شىركەتلىرى قاتارلىق 70 تىن ئارتۇق چوڭ شىركىتى، 500 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك شىركەتلىرى پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ كۆپ ساندىكى تەبئىي گاز ۋە نېفىت تەكشۈرۈش شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىرى خىتاينىڭ CNPC شىركىتىنىڭ قولىدا. ئۆزبېكىستان ئەسلىدە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن باشلاپ بارلىق دۆلەتلەرگە قارىتا ئوخشاش سىياسەت قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا خىتايغا قارىتا باشقىچە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يوق ئىدى. ئەمما 2016- يىلى شەۋكەت مىرزىيويېۋ  باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان 2017- يىلىدىن باشلاپ دۆلەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن نوقتۇلۇق دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېھتىياجى چۈشۈشكە باشلىدى.

    ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەنە بىر مۇھىم دۆلەت قازاقىستان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت ھەجمى 11 مىليارت دوللار. قازاقىستان بولۇپمۇ ئېنىرگىيە ئىشلەپ چىقىرىش جەھەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ھازار دېڭىزىنىڭ شەرقى قىرغاقلىرىدىن چىقىدىغان نېفىت ۋە تەبى گازلار خىتاي تەرىپىدىن قىسقا ۋاقىتتا ياساپ چىقىلغان تۇربا يوللىرى بىلەن ئۇدۇل خىتايغا ئاقماقتا. بۇلاردىن باشقا قازاقىستان ئىشلەپ چىقارغان تۈرلۈك مېتاللار، مىس ۋە ئوران قاتارلىقلارنىڭ خېرىدارىمۇ خىتاي. ھازىر قازاقىستاننىڭ خىتايغا 12 مىليارت دوللار قەرزى بار. خىتاي ھازىر قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خېرىدارى بولغاندىن سىرت كۆپلىگەن قازاقىستان شىركەتلىرىنىڭ شېرىكى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھازىر قازاقىستاندىكى كۆپلىگەن رۇسىيە ۋە ياۋرۇپا شىركەتلىرىنى رىقابەتتە ئارقىدا قالدۇردى.

    قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستانغا كەلسەك؛ بۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن تەرەققىياتى يوق دېيەرلىك ياكى بەكلا ئاجىز. خىتاي شىركەتلىرى بۇ دۆلەتلەرگە ئېلىكتىر ئىستانسىسى، يوللار، تونىللار، كۆۋرۈك قاتارلىقلارنى سېلىپ بەرمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بەرگەن قەرزى بىلەن بولىۋاتىدۇ. ھازىر تاجىكىستاننىڭ خىتايغا بولغان قەرزى 1.5 مىليارت دوللار، قىرغىزىستاننىڭ بولسا، 1.8 مىليارت دوللار. بۇ رەقەملەر تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇمى قەرزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى تەشكىل قىلىدۇ. قىرغىسىزتان خىتايدىن يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 200 قېتىم قەرز ئالدى، بۇ ئەھۋال يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ. تاجىكىستاننىڭمۇ خىتايدىن داۋاملىق قەرز ئېلىشقا بەكمۇ ئېھتىياجى بار.

    خىتايدا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىراتېگىيىلىك پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسلىق ئىقتىساد ھەل قىلىشقا 2014- 2015- يىلى دۆلەت شىركەتلىرى ۋە شەخسى شىركەتلەردىن باشقا يەنە ئىككى شەخسىي ئورگان قۇرۇلدى. بۇلارنىڭ بىرى «يىپەك يولى ئىقتىسادى يول قۇرۇلىشى» (AIIB) بولۇپ، 40 مىليارت دوللار ئىقتىسادقا ئىگە. يەنە بىرى بولسا «ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى» بولۇپ، 100 مىليارت دوللار ئىقتىسادقا ئىگە. تۈركىيە بولسا بۇ بانكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، ھازىر كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

    خىتاينىڭ بەرگەن قەرزلىرى ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە رۇسىيىنىڭ بەرگەن قەرزلىرىدەك سىياسىي شەرتتىن خالى بولغاندىن باشقا ئۆسۈمىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن. ئەمما خىتاي بەرگەن قەرزلىرىگە گەرچە سىياسىي شەرت قوشمىسىمۇ مەبلەغ سالغان ئۇرۇن، قۇرۇلۇشلاردا ئىشلەيدىغان تېخنىك خادىملار، ئىشچىلار، ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىتاينىڭ بولىشىنى شەرت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدىن قەرز ئالغان دۆلەتلەر ھەم خىتايغا قەرزدار بولۇپ قالماقتا، ھەمدە سېلىنغان فابرىكا، شىركەت، قۇرۇلۇش قاتارلىق بارلىق ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا، شۇنىڭ ئۈچۈن قەرز ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى خىتاينىڭ بېسىمى كۈندىن كۈنىگە كۈچەيمەكتە.
    يوقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 5 دۆلەتنىڭ ھەممىسى تۈرك دۆلەتلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىم خەلقى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا سىياسى ۋە ئىقتىسادى بېسىمىنى كۈنسايىن كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ھازىر ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشنى تېزلەتمەكتە. 2010- يىلى شەرقى تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ مائارىپ مىنىستىرى باشقۇرۇشىدىكى Hanban ئاگېنتلىقىغا باغلىق بۈيۈك بىر مەركەز قۇرۇلدى. بۇ مەركەز ھەم شەرقى تۈركىستان ئىچىدە، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ئورگىنى يەنە خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئارىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق كۇڭزى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مۇشۇ خىلدىكى ئورۇنلاردا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەربىيىسىنى قانات يايدۇرماقتا. بۇ ئاگېنتلىقنىڭ ھازىر قازاقىستاندا بەش، قىرغىسىزتاندا ئىككى، ئۆزبېكىستاندا ئىككە، تاجىكىستاندا ئىككى بولۇپ جەمئىي ئون بىر ئۇنۋېرىستېتى بار. بۇلاردىن باشقا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ يەنە 12 يەرلىك شۆبىسى بار. Hanban ئاگېنتلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يەنە ھۈنەر- كەسىپ تەربىيىلەش مەركەزلىرى ۋە مەكتەپلەرمۇ ئاچتى.

    ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ Hanban ئاگېنتلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى كۈندىن كۈنىگە كۈچەيمەكتە. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 3.000 گە يېقىن بولۇپ، خىتايغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى بولسا 30.000 مىڭدىن كۆپ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىنى قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئىگىلەيدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نوقتا شۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىن خىتايغا ئوقۇغىلى بارغان ئوقۇغۇچىلار ھەقىقى تۈردە بىلىم ئېلىش ياكى ھۈنەر- سەنئەت كەسىپلىرى بويىچە تەربىيىلىنىپ كەلمەستىن يوقىرى سەۋىيىدە خىتاي تىلى ئۆگىنىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن  بۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز دۆلىتىدىكى خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەشتىن باشقا تاللاش ياكى ئىشلەش ئىمكانى يوق.

    خىتاينىڭ تەشۋىقات قۇرۇلۇشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاينى ياخشىچاق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن كەڭ كۆلەملىك تەلىم- تەربىيە، ئېلان ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا. بۇ دۆلەتلەردە خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنلىقى، خەلق گېزىتى ۋە Guanmin Jibao قاتارلىق گېزىتلىرى، CCTV ۋە خىتاي رادىئوسىنىڭ رۇسچە، قازاقچە ئاڭلىتىشلىرى ناھايىتى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلماقتا، كۆرۈلمەكتە  ۋە قارشى ئېلىنماقتا. بۇ دۆلەتلەردە خىتاي مەدەنىيىتىنى خاتىرلەش كۈنلىرى ۋە ھەپتىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش گۇيا ئومۇمى بىر مودىغا ئايلاندى. بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە يىلدا ئەڭ ئاز بىر قانچە قېتىمدىن ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ خىل پائالىيەتلەردە خىتاينىڭ مۇزىكىلىرى، پىلىملىرى، تىپ (دوختۇرلۇق)، مودا (كىيىم مودىللىرى) ۋە بۇلاردىن باشقىمۇ كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق پائالىيەتلەردە خىتاي ئۆزىنى ۋە ئىشلەپ چىقارغان ھەر تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ، تۇنىتىدۇ ۋە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىدۇ.

   

زىددىيەتلىك نوقتىلار

 

    ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتى كۆپ بولدىمۇ ياكى زىيىنى ئېغىر بولدىمۇ دېگەن سوئاللار ئەتراپىدا كەسكىن مۇنازىرىلەر بارلىققا كەلدى.

    مىسال؛

    2011- يىلى تاجىكىستان ھۆكۈمىتى تاجىكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان

پامىر تاغلىرىدىكى مۇرگاب رايونى (Murgab bölgesi) نىڭ 1.100 كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق قىسمىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. ھازىر تاجىكىستاندىكى ئۆكتىچىلەر تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنى، قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت زېمىنىنى خىتايغا بەرگەن، دەپ ئەيىبلىمەكتە. تاجىكىستاندىكى بەزى يەرلىك خەۋەرلەر ۋە رۇسىيە خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يەنە خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا قالغان 27.000 كۇۋادىرات كېلومېتىرلىق زېمىن بولۇپ، بۇ زېمىننىڭ كىمگە ئائىت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆھبەت ھازىرچە نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.

    قازاقىستاندىمۇ تاجىكىستانغا ئوخشاش نارازىلىقلار كېلىپ چىقماقتا. قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2016- يىلى 3- ئايدا دېھقانچىلىق مەيدانى ئۈچۈن ئايرىلغان يەرلەرنى چەتئەللىكلەرگە 25 يىللىقتىن ئىجارە بەرگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن بولسا بۇ خىل ئىجارە بېرىشلەر 10 يىللىق بىلەن چەكلىنەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى پەقەت خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى، دېگەن گەپلەر تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن قازاقىستاندا، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھەپتىلەرچە داۋاملاشقان نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىقتى. چىققان قالايمىقانچىلىقتا ھەتتا ساقچىلار بىلەن قارشىلىشىش ئەھۋاللىرى يۈزبەردى. نارازىلىق بىلدۈرگىچىلەر خىتاي شىركەتلىرى ۋە مىليونېرلىرىنى زوراۋانلىق بىلەن «قازاقىستان دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى» دەپ ئەيىپلىدى. بۇ نارازىلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن قازاقىستان پېرىزدىنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ چىقارغان قانۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى (ياكى ۋاقىتلىق توختاتتى).

    قىرغىزىستاندىمۇ خىتايغا قارشى نارازىلىقلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. 2018- يىلى 12- ئايدا 40 چورو (40 باتۇر) ناملىق خەلق تەشكىلاتى باشچىلىقىدا بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، خىتاي شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت مىھمانخانىلىرى ئالدىلىرىدا نەچچە كۈن بويىچە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. بۇلار قىرغىزىستاندىكى خىتايلار (ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر)نىڭ غەيرى ئىش- ھەرىكەتلىرى، ئەخلاقسىزلىقى، ئۇلارنىڭ چىقارغان پىتنە- پاساتلىرىنىڭ كۆپىيىشلىرى قاتارلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. ئۇلار يەنە قىرغىزىستاندىكى ئىشسىزلىق، يوقسۇللۇق ئەھۋاللىرىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، قىرغىسىزتاندىكى قۇرۇلۇش، سانائەت ئىشلەپ چىقىىش ئورۇنلىرىدا بولسا پەقەت خىتاي ئىشچىلىرىنىڭلا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، گەرچە ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ كېلىشىمى بىلەن 2019- يىلىدىن ئېتىبارەن باشلىنىدىغان تۈركمەن تەبى گاز تۇربا يولىنىڭ قىرغىزىستان زېمىنى ئارقىلىق خىتايغا ئۆتىدىغانلىقى نارازىلىق قوزغىغاندەك تۇرىدۇ. بەزى گەپلەرگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ تەبى گاز تۇربا لېنىيىسىنىڭ قىرغىسىزتان زېمىنىدىن ئۆتكەن قىسمىدىكى قىرغىز يېزىلىرىدا، بۇ تۇربا لېنىيىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىن 150 مېتىر كېلىدىغان يەر بىخەتەرلىك رايونى بولىدىكەن. بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرى قوغدايدىكەن. بۇ گەپ- سۆزلەر ھازىرچە تېخى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن بىرلىكتە خازا لاگېرلىرىغا قامالغان قىرغىزلارنىڭ ھەقلىرى مەسىلىسى، بۈگۈنكى كۈندىكى قىرغىزىستان خەلقى ئىچىدە كەسكىن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولىۋاتىدۇ.

    بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرى دەپ ئىسىم قويىۋالغان جازالاش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ناھايىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان 300.000 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز ۋاقتىدا خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى. ھازىر بولسا يالغۇز خىتاينىڭ قانلىق سىياسىتى سەۋەبلىك بۇ دۆلەتلەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بۇلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرىغان قازاق ۋە قىرغىزلارمۇ خىتايغا قارشى سەگەك بولماقتا ۋە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

    2018- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى خىتاينىڭ قازاقىستانغا قارىتا  بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كۆپلەپ تارقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامالسىز قالغان قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا «نارازىلىق» (نوتا) بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. قىرغىزىستان پارلامېنتىدىمۇ مەخپىي بىر يىغىن ئېچىلدى. بۇ يىغىندا قىرغىسىزتان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قىرغىزلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇنىڭدىن باشقا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىتىنى ئېنىق بەلگىلىۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا.

    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ خەۋەر بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە قاتتىق مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولىدۇ. ئەمما بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجىلىرىنى بەلگىلەشتە پەقەت سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. 

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

https://dogruhaber.com.tr/haber/324750-cinin-orta-asya-politikalari/

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ