ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى ئاشكارا بولدى


خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى ئاشكارا بولدى
29- ئۆكتەبىر ڧرانسىيە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار ھەققىدە تارقاتقان تېلېۋىزىيە خەۋىرىنىڭ يالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە، خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى تەسس قىلىپ، خەلقنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىتىگە قارىشى ئەيىبلەشلىرىگە قارشى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش « تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا ھەر خىل ساختا مەيدانلارنى ياساپ خەلقئاردا تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇ قاتاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ناھىيسىدىكى مەلۇم لاگېرنى « تېخنىكا ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش ئورنى » دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىۋاتقان، خىتايچە ئۆگىنىۋاتقان ياسالما سۈرەت ۋە سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقانلىقىنى، بىراق بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي « تېخنىكا ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش ئورنى » دەپ تونۇشتۇرغان ئورۇنغا 2768 دانە ساقچى كالتىكى، 1367 جۈپ كويزا سېتىۋالغانلىقى ئاشكارا بولغان.
خەۋەردە، خىتاي ئۆزى« تېخنىكا ۋە خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئورنى » دەپ داۋا قىلغان ئورۇنغا تېخنىكا ئۆگىنىشكە مۇناسىۋىتى بولمىغان تۈرمىدە مەھبۇسلارنى جازالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆيزا بىلەن ساقچى كالتىكى سېتىۋىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ « لاگىر» ئەمەس «تېخنىكا تەربىيىلەش ئورنى» دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقىنى ھەمدە ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ تۈرمە بىلەن پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ