ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتايغا قارشى كۈرەشكە چاقىرىق

خىتايغا قارشى كۈرەشكە چاقىرىق
ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومتىتى 2018- يىلى 11- ئا‍ينىڭ 6- كۈنى جەنۋەدە ئ‍ېچىلىدىغان يىغىندا خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكلىرى، ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى ھەققىدە خىتاي بىلەن مۇنازىرە ئ‍ېلىپ بېرىلىدۇ.
ئ‍وخشاش بىر كۈندە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئ‍ۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئ‍اممىۋىي تەشكىلاتلار كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئ‍ېلىپ بارىدۇ.
بىز تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئ‍وخشاش كۈندە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئ‍اچماقچى.
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى «زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان شەيتان» بولۇپ قالماي پائ‍الىيەتكە چوڭ – كىچىك ئوموميۈزلۈك قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىمىز!
پائالىيەت ۋاقتى: 2018-يىلى 11-ئ‍اينىڭ 6- كۈنى سائ‍ەت: 13:00دە (سەيشەنبە كۈنى پىشىن نامىزىدىن كېيىن) .
پائالىيەت ئ‍ورنى: ئ‍ىستانبۇل فاتىھ جامە ھويلىسىغا توپلىنىپ ساراچخانا باغچىسىغىچە يۈرۈش قىلىنىدۇ.
پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغۇچى : ئ‍ىنسان ھەقلىرى ئ‍ادالەت ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ