ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان خەلق تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتايغا قارشى قوزغالغان قىرغىز خەلقى تۇتقۇن قىلىندى

18- يانۋار radiofree europe بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان خەلق تۇتقۇن قىلىنغان.
17- يانۋار كۈنى مىڭلارچە خەلق يىغىلىش قىلىپ، خىتايغا قارىشى نامايىش قىلىشقا باشلغان نامايىشچىلار خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارغا قامىغان قىرغىزلارنى قويوپ بىرىشكە چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە، قىرغىزىستان ھۆكمىتىدىن قىرغىزىستاندىكى خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىپ خىتايلارنىڭ قىرغىزىستان نوپۇسىغا ئۆتۈشكە چەك قويۇش، خىتاي بىلەن قىرغىز خەلقىنىڭ توي قىلىشنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
شۇ كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورۇنباي جېنبېكوۋ نامايىشچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ نامايىشچىلارغا سۆز قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، نامايىشچىلار توپىدىن بىر قانچە كىشى چىقىپ، پرىزدېنتنىڭ قولىدىكى مىكروفوننى ئېلىۋالغانلىقى سەۋەبلىك نامايىش مەيدانى قالايمىقانلاشقان.
18- يانۋار كۈنى قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسىBakyt Seitov مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا قارشى نامايىش قىلغانلار ئىچىدىن 21 نەپەر كىشىنىڭ ئاممىۋىي تەرتىپكە بۇغۈنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 3000 سوم ( 45 دوللار) دىن جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنشىچە، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارىشى قارشى ھەرىكىتى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ