<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەزكۇر كىشىنىڭ خىتايغا ئىشىنىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىيانەت قىلغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلىشىتىن ئىبارەت ئۆتمۈشىدىن چەتئەل ياكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ قورچىقى بولۇپ خىزمەت قىلۋاتقان خائىنلار ، خىتاينىڭ قورچاقلىرى مەزكۇر كىشىنىڭ پۇشايمىنىنى ئۆزىگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى قىلىپ ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتايغا ئىشەنگەنگە بۇرنى- قۇلاققىچە  تويدۇق
خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئىجاد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىدىگە يىتەلمەي كەلگەن ئىدى. يېقىندىن بويان مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا چەكتىن ئاشقان كەمسىتىش، خورلاشقا ئالاقىدار قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەقىدە، مىللى ۋە دىنى ئۆرپ- ئادەتلىرىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىدەك ۋىجدانسىز مەخلۇقلاردىن قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئوغۇل پەرزەنتىمىزنىڭ سۈننەت خەتنىسىنى چەكلىگەن.
11- مارت ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى كىشى ئۆز- ئارا ئۇچۇر يېزىشىپ ئىككى كىشىنىڭ بىرى: « بۇلار نىمانچە رەزىللىشىپ كەتتى ، بۇلارغا (خىتايغا) ئىشەنگەنگە بۇرنى- قولىقىڭىزغا قەدەر تويدۇق» دەپ ئۇچۇر يوللىسا، يەنە بىرى: « ئەمدى كىلىپ بالىسنىڭ خەتنىسىنى قىلغانلارغا جازا چىقىرىپتۇ» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىغان.
تەھلىلچىلەر: يۇقۇردا ئۇچۇر يوللىغان ئىككىنچى كىشىنىڭ « ئىشەنگەنگە بۇرنى- قۇلاققىچە تويغۇزدى» دېگەن سۆزى ھەر قانداق كىشىنىڭ دىققىتىنى چىقىدىغانلىقىنى. مەزكۇر ئۇچۇرنى يوللىغان كىشىنىڭ ئېھتىمال ئىلگىرى خىتايغا ئانا- ئانىسىغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىپ جان - پىدا خىزمەت قىلغانلىقىنى، ھازىرقى يامان كۈنلەردە خىتاي ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىغا خىيانەت قىلغان ئادەمدىن بىزگە ياخشىلىق كەلمەيدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى ئىشتىن قوغلىغان ياكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس قىلىۋەتكەنلىكىنى، مەزكۇر كىشىنىڭ خىتايغا ئىشىنىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىيانەت قىلغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلىشىتىن ئىبارەت ئۆتمۈشىدىن چەتئەل ياكى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ قورچىقى بولۇپ خىزمەت قىلۋاتقان خائىنلار ، خىتاينىڭ قورچاقلىرى مەزكۇر كىشىنىڭ پۇشايمىنىنى ئۆزىگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى قىلىپ ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ