ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتايدا 2 بوۋاقنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتكەن مۇتەخەسسىس يوقاپ كەتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-06 15:44:36 جەمئى 302 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتايدا 2 بوۋاقنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتكەن مۇتەخەسسىس يوقاپ كەتتى

خىتايدا 2 بوۋاقنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتكەن مۇتەخەسسىس يوقاپ كەتتى

6- دېكابىر ABC News گېزىتى بىلەن Apple Daily تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتايدا بوۋاقلارنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتكەن مۇتەخەسسىس خى جىئەنكۈي بىر يېغىلىشتا تەتقىقاتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئىز  دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

خەۋىرىدە، خى جىئەنكۈينىڭ ئالدىنقى ھەپتە خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدا «ئىنسان گېنلىرى بەلگىلىمىرى، 2  نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئالىي يىغىنى» دا ئۆز تەتقىقاتلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلاتىنى سۇنغاندىن كېيىن، يوقاپ كىتىپ قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنقلانمىغانلىقى ،

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشخانىسى باياناتچىسى بۇ مەسلىىگە قارىتا ھازىرچە ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، خى جىئەنكۈينىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىگە دائىر تارقىلىپ يۈرگەن سۆزلەرگە ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي  تېلېۋزىيەسى «CCTV» بەرگەن خەۋەردە بۇ ئاينىڭ بېشىدا تۇغۇلغان 2 نەپەر قىز بوۋاقنىڭ گېنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە ياردەمچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تەجرىبىخانا پائالىيەتلىرىنىڭ توختتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتى 27  نويابىردا 2 نەپەر قىز بوۋاقنىڭ گېنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى مەسلىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ بىراق

خىتايدىكى بۇ گېن ئۆزگەرتىش خەلقئارادىكى ئىلىم ساھەسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. 

ئىگىلىنشىچە، گېنى ئۆزگەرتىلگەن بوۋاقلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ زادى كىملەر ئىكەنلىكى تېخىچە نامەلۇم ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ