ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ختاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-09 20:02:21 جەمئى 2231 قېتىم ئوقۇلغان.

گېنېرال خې لېيدىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشى ۋە رايونغا ھەربىي ئايروپىلان يۆتكەش مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى،» دېگەن

ختاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان بىر سۆزىدە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىش خىيالى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «خىتاينىڭ زور تەرەققىياتىنىڭ ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەردە 'خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىش مەقسىتى بار' دېگەن چۈشەنچە پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ تولىمۇ چوڭ ۋە ئىستراتېگىيىلىك بىر خاتالىق،» دېگەن.

 

ۋاڭ يى، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىقلىقىنى، ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ رىقابەتچى بولۇشنىڭ ئورنىغا ھەمكارلاشقۇچى بولسا بولىدىغانلىقىنى ۋە خىتايدىكى تەرەققىياتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر بىر تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن

 

بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە يەنە خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلار تەتقىقات ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال خې لېي سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان

 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى گېنېرال خې لېيدىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشى ۋە رايونغا ھەربىي ئايروپىلان يۆتكەش مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى،» دېگەن

 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يۇقىرىقىدەك سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاينى دۇنيانىڭ مەركىزى دۆلىتى ھالىغا ئەكىلىش نىيىتى بارلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق ئىپادە قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۇسۇلىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارادا ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ