ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەلققە جاۋاب بېرىشى كېرەك!

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-11 17:29:42 جەمئى 1125 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەلققە جاۋاب بېرىشى كېرەك!

تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەلققە جاۋاب بېرىشى كېرەك!
ئۆز خەۋىرىمىز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىن قىلىش سىياسىتىنىڭ كۈنسىرى ۋەھشىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ھەر تەرەپتىن خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلىشى نەتىجىسىدە تۈرك ئاخباراتلىرىدىمۇ كۈنسىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.
10 – يانۋار كەچتە تۈركىيەدىكى ئاكىت تېلېۋىزىيىسى بىلەن خەبەر تۈرك تېلېۋزىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى جىددى كۈنتەرتىپكە كەلدى.
ئاكىت تېلېۋزىيىشى رىياسەتچىسى تۈركىيىدە چىقىۋاتقان گېزىتلەردە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئالاقىدار ئىشەنگۈسىز خەۋەرلەرنىڭ راست – يالغانلىقى، ياكى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈرمەكچى بولغان ئامېرىكىنىڭ ئويۇنىمۇ دەپ سۇئال سورىغان رىياسەتچى فاتىھ داغىستانلىغا يېڭى ئاكىت گېزىتى يازما ئىشلىرى مۇدىرى ئەلى ئېھسان كارا ھەسەن ئوغلۇ جاۋاب بېرىپ، بۇ ئىشلاردا ھەرخىل ئېھتىماللىقلارنىڭ بارلىقىنى ئەمما بۇ يەردە تۈركىيە دۆلىتىگە مۇھىم ۋەزىپە چۈشىدىغانلىقىنى، ئەگەر خەۋەرلەردە بىر مەسىلە دەپ قارالسا دۆلەت كۈچى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ھەقىقى ئەھۋالنى بىر شەكىلدە ئىگەللەپ، خەلققە بۇ ھەقتە ئېنىقلىما بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلارنىڭ پروگراممىدا ئاخباراتتىكى شۇنچىۋالا دەلىللەرگە قارىماستىن، كەسكىن سۆز قىلالماسلىقى كۆرۈرمەنلەر تەرىپىدىن جىددى شەكىلدە ئەيىبلەندى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ