ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينى ئەنقەرەنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاقىدار ئىنكاسلىرىنى نەزەرگە ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

تۈركىيە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
 9-فېۋرال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك  نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينى ئەنقەرەنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاقىدار ئىنكاسلىرىنى نەزەرگە ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي خىتاينڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بېسىملار ئىككى يىلدىن بۇيان بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاق، تەن جازاسى ۋە مېڭە يۇيۇش قاتارلىق جازالارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋە پۇقرالىرىمىز شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىدى. مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، يېتىم قالدۇرۇلدى.
21-ئەسىردە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قاتتىق نومۇس قىلارلىق ئىشتۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىمىزنى خىتاي دائىرىلىرىگە ھەر خىل ئۇسۇلدا يەتكۈزۈۋاتىمىز. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بىر ناخشىسى سەۋەبلىكلا سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويغاندا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە تۈركىيە خەلقى ۋە كەڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىگە قارىتا نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ ھەقلىق يوسۇندىكى نارازىلىقنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنىشىنى كۈتمەكتىمىز. خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ب م ت باش كاتىپىنىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ