ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا باشلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-09 16:48:41 جەمئى 2064 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا باشلاندى

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە،  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كومىتېت يىغىنىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى،

ھېئىتېر نائۇئېرت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا قۇرۇلغان 3 ئايرىم كومىتېتنىڭ بىرى بولغان «سۈرىيە كومىتېتى» نىڭ مۇزاكىرىلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا باشلانغانلىقىنى، مۇزاكىرىلەرنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلىشىدىغان كۆپلىگەن مەسىلىلەر بارلىقىنى، ئافرىن ھەرىكىتىنىڭ مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇشىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋال ھېسابلانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇلار باشلانغۇچ مۇزاكىرىلەر؛ ئالدىمىزدا بىز ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى كۈتۈۋاتقان نۇرغۇن تېما بارلىقىنى، 20 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئامېرىكا ھەيئىتىگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا – ياۋرو – ئاسىيا ئىشلىرىگە مەسئۇل ئەمەلدارى ۋېسس مىتچېلنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان نائۇئېرت، بۈگۈنكى سۆھبەتلەردىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەزكۇر كومىتېتقا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى سەدات ئۆنال رىياسەتچىلىك قىلماقتا.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ