ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا نىمە قىلدى؟

تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا نىمە قىلدى؟
تۈركلەرنىڭ تارىخى دۈشمىنى بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ يېقىنقى 3 يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بولغان زۇلىمىنىڭ مىسلىسىز دەرىىجىدە ئېغىرلىشىشى، ئاسسىلماتسىيە سىياسىتىنىڭ نەچچە قاتلاپ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ ئامالسىز قالغان ئۇيغۇرلار قېرىندىشى بولغان تۈركلەرگە ئۈمۈت باغلىدى، ۋە تەرەپ-تەرەپتىن تۈركىيەگە تەلمۈرۈپ كەلدى.
- تۈرك قېرىنداشلارمۇ قولىدىن كىلىشىچە ياردەملەرنى قىلدى. ھېچ بولمىسا‹‹بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بوغداي سۆزۈڭ يوقمۇ›› دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندەك‹‹ كەل قاردىشىم، سەن بىزدىنسەن›› دەپ بولسىمۇ تەسەللى بەردى.
- تۈركىيە ھۆكىمىتىمۇ ئىشىكىنى ئېچىپ قوينىغا ئالدى.
ئەمما بۇ قوللاشلار يۇقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىر قەۋمىگە نىسبەتەن ھېچ بىر مەلھەم بۇلالمايتتى، قانىغان يارىسىنى ساقايتالمايتتى. چۈنكى شەرقى تۈركىستاندىكى 20 مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈرك قىزىل چىنلارنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغان ئىدى. بۇلاردىن كەم دىگەندە 3 مىليۇندەك ئۇيغۇر سەۋەپسىزلا جازا لاگىرلىرىغا قامالغان، 2 مىليۇندىن ئارتۇق كىشى تۆھمەت بىلەن قاماقلارغا ھۆكۈم قىلىنغان، سىرتتا قالغانلىرىمۇ ئۈستى ئۇچۇق تۈرمىلەردە ئەسىردە تۇتۇلغان ئىدى.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا قېرىنداش تۈركلەرگە بۇ ئەھۋالنى توختىماي شىكايەت قىلىشتى، ئىچىگە سىغدۇرالمىغان دەرت-ئەلەملىرىنى ئاڭلاتتى، زالىملارغا قارشى ياق دىيىشكە كۆندۈرۈشكە شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھېچ بىر سادا چىقمىدى، ياكى بىرەر قارار ئېلىنمىغاچقا كۆڭلى بەك يېرىم بولدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرۇشقا بىرىلگەن ئىقامەتلىرىنىڭ ۋاقتىدا چىقماسلىقى، يىڭى توغۇلغان بالىلارنىڭ رەسمىيەتسىز قېلىشى، بەزى كىشىلەرنىڭ قولىدا بار بولغان پاسپۇرتلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىشكە ئاز قالغانلىقى... دەك بىر قاتار ئىشلار ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەندەك بىر ئىش بولدى.
شۇڭا بەزى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ تۇتقان پۇزىتىسيەسىدىن قانائەت ھاسىل قىلالمدى. تۈركلەرنىڭ ‹‹بىز ئادالەتنىڭ، مەزلۇمنىڭ يانىندايىز، زالىمنىڭ قارشىسىندايىز›› دىگەن ئاتا مىراس شۇئارلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چېچىش، ئۇيغۇرلارغا ئۆمۈتسىزلىك پەيدا قىلىش، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىن قوغلىۋېتىش ئۈچۈن تارقاتقان پىتنە-پاساتلىرى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك لاۋۇلداپ خاتا چۈشەنچە، ئەندىشە پەيدا قىلدى.
-شۇنىڭ بىلەن يېقىندىن بويان بەزى ئىرادىسى ئاجىز، چۈشەنچىسى مەۋھۇم قېرىنداشلار نەچچە كۈندىلا ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ خىتاينىڭ ئۇچۇر ئۇرۇشى پىدائىلىرى تۈركىيە ۋە تۈركلەر توغرىسىدا نىمە دىسە شۇنى دەپ، شۇلار دىگەننى قوللاپ ئۈزىنى ئوتقا ئىتتىرىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن ئاغرىنىشقا ھەقلىقمۇ؟ تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىدى، نىمە بەدەللەرنى تۆلىدى؟ .... تۈۋەندىكى بىر قىسىم مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى.
1-تۈرك ۋەتەنداشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسى سەۋەپلىك يېقىنقى يىللاردىن بىرى چىنغا ۋىزا ئالالمىدى، ئالالىغانلىرىمۇ نۇرغۇن بەدەللەرنى تۈلىدى.
2- تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى قوينىغا ئالغانلىق سەۋەپلىك خىتايمۇ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە پ، كا، كا، پەتو قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قوللاپ ياردەم بەرگەچكە نۇرغۇن تۈرك ۋەتەنداش ئوخشىمىغان زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، تۈركىيە دۆلىتىمۇ مۇداپىئەلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئاز بولمىغان چىقىملارنى قىلدى.
3- باشقا دۆلەتتە تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان، بوران چاپقۇنغا ئۇچراپ كەلگەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنى باغرىغا باستى.
4-رەسمىيىتى تۇلۇق بولمىغان، شەرتكە توشمىغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر بولسىلا تۈركىيەدە تۇرۇش ھۇقۇقى بەردى.( ئەمما قىسمەن كىشىلەرنىڭ مەسىلسى ئالاھىدە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇنىڭدىن سىرت.)
5-بىۋاستە ماددى ياردەم قىلمىغىنى بىلەن رەسمىيەت ھەقلىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزدى. مەسىلەن: ( گۆچ ئىدارىسىدىكى بىر خادىمنىڭ بەرگەن سىتاتسىكىسىغا ئاساسەن 20 مىڭدەك ئۇيغۇردىن ئىقامەت رەسمىيىتى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان، ئەڭ ئاز ھىساپلىغاندا 200 لىرادىن بولسىمۇ 4 مىليون لىرادەك پۇلنى ئالمىدى.
6-تۈركىيە باشقا مىللەتلەرگە بەرمىگەن سىياسى كەڭچىلىك، نۇرغۇن ئىمتىيازلارنى ئۇيغۇرلارغىلا بەردى.
7-نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتى، ياتاق، تاماق ھەتتا ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى.
8- نەچچە مىڭ ئۇيغۇرغا ھەقسىز تۇرالغۇ (مەسىلەن قەيسەرى، ئادانادا) تەمىن ئەتتى ھەم ئىتىۋاتىدۇ.
9-ئىشلەش رەسمىيىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىدى.
10-چىگرالاردىن قانۇنسىز ئۆتكەن، رەسمىيەتسىز ماشىنا ھەيدىگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى...كەچۈرۋەتتى.
11-تۈركىيەدە قانۇنسىز تۇرغان، بەزى ئۇيغۇرلار ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ چىگرادىن چىقىرۋەتمىدى.( پەقەت بىر نەچچە كىشنى چىقىرۋەكىنى ئۇقۇشماسلىقتەك ياكى ئالاھىدە ئەھۋال )
12-خىتاي كومىنىستلىرى شۇنچە تەلەپ قىلغان، ھەرقانداق بەدەل بولسا ئۆتەيدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىرمۇ ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىدى. (بۇنى ھېچقايسىمىز كۆرمىدۇق ھەم ئاڭلىمىدۇق.)
13- تۈركىيە ئۇيغۇرلار سەۋەپلىك بەزى دۆلەتلەر بىلەن دىپلۇماتىيە، سىياسى، ئىقتىسادى ساھەلەردە ئوڭۈشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى.
14-ئۇيغۇرلانىڭ قانداق پائالىيىتى بولسا چەكلىمە قويمىدى، ئەگەر چەكلىمە قويغاندىن كېيىن تۈركىيە قانۇنىغا مۇۋاپىق كەلسىلا يەنە رۇخسەت قىلدى.
15- 2018.6.15 كۈنى ئىچكى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دۆلەت زىياپىتى بەردى.
16-ھەممىمىزگە مەلۇم 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى 8 مىڭدەك ئۇيغۇرغا ھىسداشلىق قىلىپ شەرتسىز نۇپۇس بەردى.
17- ئۇيغۇرلارنى 4 تۈرك مىللەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بىرىشكە باشلىدى. ھەر قېتىم تۆلەيدىغان بەدەللەرنى، چىقىملارنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
18-تۈرك دەرنەكلىرى، ۋەخپىللىرى، جەمئىيەتلىرى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئاز بولمىغان ئىقتىسادى ياردەملەرنى قىلدى.

شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ئىقامەت ئىشلىرى ئازراق كىچىكىش سەۋەپلىك تۈركىيەدىن كۆرگەن ياخشىلىقلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ياۋرۇپادىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچىمەن دەپ تۈركىيەدىكى تۇز يىگەن تۇزلۇقنى چېقىۋەتمەسلىكى، ياۋرۇپاغا بارالماي قالغاندا يەنە شۇ ئەسكى تۇركىيەنىڭ ئەزقاتىدىغانلىقىنى، باشقا يەرگە كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنە يۈزىنى داپتەك قىلىپ‹‹ بارمايمەن دىگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ دىگەندەك›› تۈركىيە كىلىشكە توغرا كىلىدىغانلىقنى ھەرگىز ئىسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك.

تۈركىيە ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بەرمەيمىز دىگىنى، تۇرۇش رەسمىيىتىڭ يوقكەن دەپ تۇتۇپ يۇرت سىرتىغا چىقىرۋەتكىنى ھەم يوق. ئىنساپ بىلەن ئېيتساق: قايسى بىر دۆلەت ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تۈركىيەچىلىك بەدەل تۆلەپ باقتى؟ ئېغىر سىناقلارغا دۈچ كەلسىمۇ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرالىدى؟ قايسى بىر دۆلەتتە ياشىغان ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ئەكىلىگەندەك شۇ دۆلەتلەرگە ئەكىلىيەلىدى، تۈركلەرگە ۋارقىرغاندەك ۋارقىرىيالىدى؟

سۈيۈملۈك قېرىنداشلار خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ھىلىسىگە ئىشىنىپ دوسنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇۋالمايلى، پىتنە-ئىغۋالارغا ئالدىنىپ خىتاينى ئۆمۈتلەندۈرۈپ، خەلقىمىزنى ئۆمۈتسىزلەندۈرىدىغان گەپ-سۆز، ئىش-ھەركەتلەردىن ساقلىنايلى. ھەرگىز ئارتۇق ئەندىشە قىلمايلى ئاللاھ بىزلەر بىلەن بىللىدۇر. تۈركىيەدە بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇتۇپ تۇرىلىشىنىڭ سەۋىبى بولسا ئۆزىنىڭ جازاسىنى ئۆتەۋاتقان بولىشى، ياكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان بولىشى ياكى تۆھمەتنىڭ قۇربانى بولغان بولىشى مۇمكىن. ئولارنىڭ تۇتىلىشى تۈركىيە ھۆكىمىتى تەرىپىدىن يامان كۆرۈلگەنلىكتىن ياكى خىتايغا قايتۇرۇلىشقا داۋا ئېچىلغانلىقتىن ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق ئىشلار خالاس.
بۇ قېتىم تۈركىيە ئەدلىيە مىنىسىتىرى ئابدۇلھېمىت گۈل بىلەن خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى پۇچىڭخۇا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا توختام تۈزگەن بولسا بۇندىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇد چاۋۇش ئوغلۇمۇ خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن ئىككى قېتىم توختام تۈزۈشكەن. ھەتتا تۈركىيە رەئىسى ئەردۇغانمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ۋە كۆپ توختاملارنى ئىمزالاشقان ئىدى.
- ئەپسۇسكى شۇ ۋاقتتىمۇ ھازىرقى بۇلبۇللار ئوخشاشلا سايراپ بىچارە خەلىقىمىزنى ساراسىمگە سالغان، نەچچە ئايغىچە بىئارام قىلغان ئىدى.
ئەمما تۈركىيەدە ئىشلار خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى ئويلىغاندەك ئوڭاي، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتچىللىرى جار سالغاندەك قولاي بولمايدۇ. چۈنكى تۈركىيە: خەلقنىڭ ئاۋازى، كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بىلەن ھەركەت قىلىدىغان بىر دىمۇگىراتىك دۆلەت. شۇڭا خىتاينىڭ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ياكى ئالداپ تۇرۇپ توختام تۈزىۋالغىنى بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.
-شۇنداقلا تۈركلەر مىللىتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنى يۇقاتمىغان، سىياسەتتىكى تاكتىكىسى، جەڭدىكى باتۇرلۇقى بىلەن نەچچە يۈز يىلدىن بىرى مەغلۇپ بولماي كەلگەن شەرەپلىك بىر مىللەتتۇر. ئىمانىنى، ۋىجدانىنى پۇلغا سېتىپ تۈرككە خىيانەت قىلىدىغان ، ئامالى بولسا مەزلۇمنى ياردەمسىز قويىدىغان پەس مىللەت ئەمەس .
شۇنداقلا تۈركىيە يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقامەتلا ئەمەس نۇپۇسمۇ بىرىدۇ ئاللاھ خالىسا .ھەم ئەجداد يۇرتى بولغان شەرقى تۈركىستاننى ۋە ئۇيەردىكى بىچارە قېرىنداشلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
دۆلەتلەر ئارا دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش، توختاملارنى تۈزۈش ھەر بىر دۆلەتتە بار بولغان نۇرمال ئىش. ئەمما نۇرغۇن توختاملار خۇددى ‹‹مال زاكاس قىلىنىپ زاكالەت بىرىلمىسە ھېچ ئەھمىيىتى بولمىغاندەك›› شۇ پېتى قېلىۋېرىدۇ.
ھەقدار
2018.11.22


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ