<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇراھمان ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بىر قاتار جىنايەت پاكىتلىرىنى ئاشكارلىدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-02-17 15:15:40 جەمئى 9780 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇراھمان ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بىر قاتار جىنايەت پاكىتلىرىنى ئاشكارلىدى.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇراھمان ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بىر قاتار جىنايەت پاكىتلىرىنى ئاشكارلىدى.

خىتاي قەشقەر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە كىشلەرنى قولغا ئالغان
1- « سادىق سودا سارىيى»نىڭ خوجايىنى ئۇرايىم ئابدۇكىرىم (11 يىل)
2- « ئوردا مېھمان سارىيى» خوجايىنى غىنى ئابدۇخالىق (8 يىل)
3- «ھىدايەت سودا سارىيى » نىڭ خوجايىنى ھىدايەت ھاجى (8 يىل)
4- زەگەر غوپۇر ھاجى (8 يىل)
يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۈرۈمچىدىن ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئاقلىغۇچىلار قەشقەرگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، كەلگەن ئاڭلىغۇچىلارغا ھېچقانداق دىلونى كۆرسەتمەي بىر قانچە كۇن نەزەربەند قىلىپ كەلگەن جايىغا قايتۇرۇۋەتكەن. شۇنداقلا يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ دەۋا قىلىش ئېھتىمالى بار بولغان بارلىق تۇغقانلىرىنى ئاتالمىش«تەربىيەلەش مەركىزى» گە قاماپ قويغان. شۇنداقلا يۇقىرىقى كىشلەرگە كېسىلگەن جازاسىنى ئېغىز ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ قولىغا ھۆكۈم قەغىزى بەرمىگەن.
يۇقىرىقى تەپسىلى ئۇچۇرنى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئىنسانىي تۇيغۇسى بار بولغان بىر خەنزۇ سىياسىي قانۇن كادىرى يەتكۈزگەن بولۇپ ئىشەنچىلىك مەلۇمات بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئابدۇجېلىل ھاجىمنى 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ تۇتقانلىقى، 3- ئاينىڭ 29- كۈنى خىتاي دائىرلىرى يىغىنىدا ئېلان قىلغان.
ئۇندىن باشقا خىتاي قەشقەردىكى نۇرغۇن داڭلىق كارخانىچى- سودىگەر ۋە دىنىي ئۆلىما، جامائەت ئەربابلىرىنى تۇتقان بولۇپ، تۇتۇلغانلاردىن ھازىرغىچە ئىز- دىرىكى بولمىغانلار زور كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىكەن.
تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز- دېرىكى بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە :
1- « سۇلتان سودا سارىيى»نى قۇرغۇچىلىرىدىن ئابدۇغوپۇر سۇلتان
2- « سادىق سودا سارىيى»نى قۇرغۇچىلىرىدىن سادىق ھاجى
3- « ئارزۇ مىھمانخانا » خوجايىنى غولام ھاجى
4- تاشقى سودا تىجارەتچىسى سۇلتان روزى
5- بەش خىل مېتال تىجارەتچىسى غولام ئەزىز ھاجى
6- داڭلىق تىجارەتچى شېرىپ ھاجىم (گالۋاڭ)
7- شىكەر توپ تىجارەتچىسى قاسىمجان (گالۋاڭ)
8- داڭلىق تاشقى سودا تىجارەتچىسى تەۋەككۈل (گالۋاڭ)
( يۇقىرىقى 6- 7- 8- كىشىلەر قەشقەر نەزەرباغ يىزا گالۋاڭ مەھەللىسىدىن)
9- « ساخاۋەتچىلەر جەمىيىتى»نى قۇرغۇچى ئوسمان نىياز
10- ھېيتىگاھ مەسچىت ئىمام، خاتىپى ئابدۇقادىر مەخسۇم
11- ھېيتىگاھ مەسچىد ئىمامى مۇتىۋەللى تاھىر قاراجىم
12- سابىق قەشقەر دىنىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى داڭلىق ئۆلىما مۇھەممەد ئىمىن سىيىت
13- مەشھۇر ئۆلىما ئابابەكرى قارىم.
14- قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزا 11- كەنتتىن ئابدۇقەييۇم تەۋەككۈل 2017- يىلى 5- ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ھازىرغىچە ئىز- دېرىكى يوق.
15- قەشقەر شەھەر جاڭ قورغان مەھەللىسىدىن روزى ھاجىم مەترېھىم
16- ئابدۇراھمان ھەسەننىڭ ئاكىسى ئەمەتجان ھەسەن، ئىنىسى ئابدۇقەييۇم ھەسەن، تاغىسى ھۇشۇر ئابدۇللا قاتارلىقلار چەتئەلگە بىر قانچە قېتىم چىققان، ئۇندىن باشقا ھېچقانداق خاتالىقى يوق ئىكەن.
17- قەشقەر شەھەرلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىدىن پەزىلەت بەكرى بىلەن ئابدۇراھمان ھەسەننىڭ ئوكسى ئابدۇقەييۇم ھەسەن بولسا، ئابدۇراھمان ھەسەن ئۆزنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىنى خىتايدىن ئېتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ خەلقئارادا ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن خىتاي تەرىپىدىن گۆرە سۈپىتىدە تۇتۇلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ