ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق كىتاپ نەشىردى چىقتى

1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان، دۆلەت قۇرغۇچىسى مارشال ئەلىخان تۆرە ساغۇنى ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق كىتاب، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ كەڭ كىتابخانلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.

خوجا ئىشانلار ئەۋلادىغا مەنسۇپ، دىنى ۋە سىياسى ئەرباپ ئەلىخان تۆرىنىڭ قەلىمىدىن چىققان «تۈركىستان قايغۇسى» نامىلىق بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمى 2007- يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىمۇ تەييارلىنىپ، ھەر ئىككى ئەسەر بىر كىتاب قىلىنغان ھالدا قايتىدىن نەشىر قىلىندى.

كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ ئوغلى ئاسىلخان تۆرەنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئەلىخان تۆرىنىڭ قەلىمىدىن چىققان «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ يەنە بىر ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرە تەرىپىدىن قېلىنغان تۈرىكچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن باتۇر قاراخانلى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇلغان.

بۇ كىتاب ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى»دا سېتىلىدۇ.

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 05387207030


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ