ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۇرمۇشىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاددىي ساۋاتلار

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-10-06 13:20:50 جەمئى 6467 قېتىم ئوقۇلغان.

تۇرمۇشىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاددىي ساۋاتلار

تۇرمۇشىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاددىي ساۋاتلار

بۇرۇن قاناشنى توختىتىش ئۈچۈن ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ تارتىپ بەرگەندە، قاننى توختاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالوينىڭ يوپۇرمىقىنى ئاق داكىغا ئوراپ سۈيىنى سىقىپ ئىچسىمۇ قان توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

بۇرۇن قانىغاندا يۈزنى سوغۇق سۇ بىلەن بىر قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى يېقىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە 20قېتىم ئۇۋىلاشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

كۈندە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پاختا پەلكۈچنى كۈنجۈت مېيىغا تەككۈزۈپ بۇرۇن ئىچىگە، بولۇپمۇ بۇرۇننىڭ ئوتتۇرا پاسىلىغا ئاستا- ئاستا سۈركەپ بەرسە بۇرۇن قاناشنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرۇننىڭ ئوڭ تۆشۈكى قانىغاندا دەرھال سول قولنى، سول تۆشۈكى قانىغاندا ئوڭ قولنى ئېگىز كۆتۈرسە قان دەرھال توختايدۇ.

 قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا ھەر كۈنى ئەتىگەندە بانانغا ئازراق ھەسەل سۈرۈپ، ئاچ قورساققا يەپ ئارقىدىن ئىلمان قايناقسۇدىن بىر ئىستاكان ئىچىۋەتسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

 60گرام سۈت پاراشوكىغا 200مىللىلىتىر ئىلمان قايناقسۇ ئارىلاشتۈرۈپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن بىر ھەپتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتكە شىپا قىلىدۇ. بىر تال تۇخۇمغا 250گرام سۈت قوشۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ