ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تەخىتتىن چۈشتى ئىسمائىل ئەھمەت، تەخىتكە چىقتى تۆمۈر داۋامەت، بۇندىن كېيىنكى ئەۋلاتلار، خۇدايىمغا ئامانەت.

تۆمۈر داۋامەت

 

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر   

    تۆمۈر داۋامەت 1927- يىلى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز يېزىسىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

    تۆمۈر داۋامەت كوممۇنىست خىتاي شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە يېڭى يېزا قۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يېزا باشلىقى، رايون باشلىقى، ھاكىم ۋە ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن.

    1965- يىلى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

    شەرقىي تۈركىستان مەنچىڭ خىتايلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، نامى «شىنجاڭ» دەپ ئۆزگەرتىلگەن 1884- يىلىدىن، تاكى چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان 1911- يىلىغا قەدەر ۋە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ- جۇڭخۇا مىنگو) قۇرۇلغان 1911- يىلىدىن 1947- يىلىغىچە مۇستەبىت، دىكتاتور مانجۇ ۋە خىتاي ۋالىيلىرى تەرىپىدىن زالىملارچە ئىدارە قىلىندى.

    بۇ جەرياندا ئىدارە قىلغان ۋالىي ياكى ئۆلكە رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان قانخورلۇق سىياسىتىگە ئەينەن ۋارىسلىق قىلدى.

    قىسقىسى، 1884- يىلىدىن 1947- يىلىغىچە بولغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلاردىن بولغان قورچاق ئومۇمىي ۋالىي ياكى قورچاق ئۆلكە رەئىسى ئىشلەتمىدى.

    شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ تۇنجى قورچاق رەئىسى ئۇيغۇر مەسئۇد سابىرى بايقۇزى (1887- 1952) بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1947- يىلى 5- ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت» نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. مەسئۇد ئەپەندى، شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى مەشھۇر «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ بىرسى بولۇپ، 1949- يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى. ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلانغان مەسئۇد ئەپەندى، ھازىرغا قەدەر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن قورچاق رەئىسلەر ئىچىدە ئۆز خەلقىگە ئىجابىي تەسىر قالدۇرغان بىردىن- بىر شەخستىن ئىبارەت.

    مەسئۇد سابىرى بايقۇزى 1949- يىلى كوممۇنىست خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن 1951- يىلى «مىللەتچى ئۇنسۇر» دېگەن نام بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 1952- يىلى خىتايلار تەرىپىدىن قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى.

    مانا بۇ تۆمۈر داۋامەت بولسا، 1985- يىلى 12- ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن

ئىسمايىل ئەھمەت (1935- 2018)نىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 5- قورچاق رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى ۋە ئۇنىڭ رەئىسلىكى 1993- يىلى 12- ئايغىچە داۋام قىلدى.

    1977- يىلىدىن كېيىن ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن

سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك

مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى قاتارلىق رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.

    7- نۆۋەتلىك خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان.

    1985- يىلى ئىسمائىل ئەھمەت خىتاينىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن. ئۇ مۇشۇ زىيارەتتىن قايتىشىدا ئۈرۈمچىگە ئەمەس ئۇدۇل بېيجىنغا ئېلىپ كېتىلگەن. تۆمۈر داۋامەت شۇنىڭدىن كېيىن، 1985- يىلى 12- ئايدا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.

    بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن شەرقى تۈركىستاندا، خەلق ئىچىدە؛

تەخىتتىن چۈشتى ئىسمائىل ئەھمەت،

تەخىتكە چىقتى تۆمۈر داۋامەت.

بۇندىن كېيىنكى ئەۋلاتلار،

خۇدايىمغا ئامانەت.

دېگەندەك قوشاقلار كەڭ تارقالغان.

    تۆمۈر داۋامەت خىتاينىڭ ئەمەلدارى بولغاندىن سىرت يەنە شائىر بولۇپ، 1963- يىلى ئېلان قىلغان «قارىغاينىڭ خىسلىتى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «سەپەر تەسىراتلىرى»، «باھار ئىلھامى»، «قىزىلگۈل»، «كۈلگىن، قەشقەر»، «سالام ۋە ئۈمىد»، «قەلب كۈيى»، «كۈيلەيمەن سېنى شىنجاڭ»، «كۇچا تەسىراتلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋە «ئامان بىلەن ئەختەر» دېگەن داستانلىرى بار.

    ئۇنىڭ «يۈرەك ناخشىلىرى»، «يۇرت مۇھەببىتى»، «ھايات مەشئىلى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغان. «ھايات مەشئىلى» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ماۋزۇسىنى خىتاينىڭ باش سېكرېتارى جياڭ زېمىن (1926- يىلى تۇغۇلغان) يېزىپ بەرگەن.

    تۆمۈر داۋامەتنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى قازاق، ئۆزبېك، رۇس، ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. جۈملىدىن «يۈرەك ناخشىلىرى» ۋە «يۇرت مۇھەببىتى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياپۇنىيىدە نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىر ۋە شېئىر توپلاملىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.

    تۆمۈر داۋامەتنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئەسەرلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «تىيانشان شادلىقى» (1982- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «ۋەتەنگە مۇھەببەت» (1987- يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، «دەۋر ئىلھاملىرى» (1991- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ھايات مەشئىلى» (1992- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار.

    2011- يىلى 24- پېۋرال خىتاينىڭ بېيجىن شەھىرىدە تۆمۈر داۋامەتنىڭ شېئىرلىرى ۋە

خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئېچىلغان.

    تۆمۈر داۋامەتنى باشقا قورچاق باشلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، نىسبەتەن پەرقلىق دېيىشكە

بولىدۇ.

    خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقى باشقا ئامالى

بولمىغاچقا يەنە شۇ خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا نارازى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە ئەرىز- ھال ئېيتىپ

ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بارسا، خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنى رەئىس بىلەن كۆرۈشتۈرۈش

ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا دەرۋازىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرگىلى قويمايتتى. تۆمۈر داۋامەت رەئىس بولغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقىپ پىيادە دۆڭكۆۋرۈككە كېلىپ، سۈت ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئاز- كۆپلۈكىگە دىققەت قىلىپ ئۇچۇر ئىگىلىگەن. ئۇ بەزەن يول ئۈستىدە ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىن كەلگەن ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئەرزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تىگىشلىك جايلىرىغا تەستىق يېزىپ بەرگەن.

    ئۇ باشقا قورچاق ئەمەلدارلىرىغا قارىغاندا نىسبەتەن تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددا بولغان، ھال تارتىپ تەكەببۇرلۇق قىلمىغان، بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ كەتمىگەن.

    ئۇ 2005- يىلى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن- مائارىپ تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلىشىگە تۆھپە قوشقان.

    «تۈركى تىللار دىۋانى» ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن 1980- 1983- 1984- يىللىرى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۈچ توم بولۇپ نەشردىن چىققان. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنىمۇ رېمۇنت قىلدۇرغان.

    1984- 1986- يىللىرى «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھەم خىتاي تىللىرىدا نەشر قىلدۇرغان، 1988- يىلى 8- ئايدا ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىنى ياساتقان. 

   1992- يىلى 5- ئايدا يەكەندە خانىش ئاماننىساخان (1526- 1560)نىڭ قەبرىسىنى قايتىدىن ياساتقان ۋە 1992- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياساتقان.

    تۆمۈر داۋامەت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان 55 ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر 25000 دىن ئارتۇق ئاتالغۇ- ئىزاھاتلار كىرگۈزۈلگەن بەش توملۇق، بەش مىليون خەتلىك«خىتاي ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت كاتتا لۇغىتى» نى نەشىر قىلدۇرغان.

    2005- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى تۇرپاندىكى كارىزلارنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 190 مىليون يۇئەن خىتاي پۇلىسى ھەل قىلىپ بەرگەن.

رابىيە قادىر بىر كۈنى تۆمۈر داۋامەتكە شۇنداق دېدى:

«... ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى توغرىسىدا، سىلى بىر ھەرىكەت قىلىپ باقسىلا بوپتىكەن، خەلق شۇنداق ئۈمىت كۈتىدۇ سىلىدىن.»

تۆمۈر داۋامەت:

- «قانداقلا بولمىسۇن، بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ خائىن دېگەن تىلىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، بىر

تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق بېسىمىغا چىداپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى،

مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلدىم. قاراپ تۇرسىلا، مەندىن كېيىن

چىقىدىغانلىرى مەندىن بەتتەررەك بولۇپ چىقىدۇ»،- دېگەن.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تۆمۈر داۋامەت ھوقۇق تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە چوڭ بىر ئالىمىمىز

ھەسەتخورلۇق قىلىپ تۇرغۇن ئالماس (1924- 2001) بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1923- 1995)نى خىتاي دائىرلىرىغا چاققان ئېكەن. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىمىغا قول سالماقچى بولغان. بۇ ۋاقىتتا تۆمۈر داۋامەت ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، يول كۆرسىتىپ بىر نەرسە يازدۇرۇپ ئېلان قىلدۇزغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۆمۈر داۋامەت ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئاشۇ يازغان نەرسىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى قوغداپ قالغان ئىكەن. بۇ ئەھۋاللارنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى مەن بىلمەيمەن. مېنىڭ بىلىدىغىنىم: - مەن تۈركىيەگە كەلگەن 1997- يىلى 4- ياكى 5- ئايلاردا ھاجى ياقۇپ ئانات (1920- يىلى تۈركىيەنىڭ بۇرسادا تۇغۇلغان ئۇيغۇر. 9 يېشىدا شەرقى تۈركىستانغا قايتقان، 1995- يىلى تۈركىيەگە كەلگەن، 2001- يىلى ئەنقەرەدە ۋاپات بولغان، مېيىتى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1901- 1965 نىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان) دېگەن ئادەم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئاشۇ يازمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى قارىلىماقچى ياكى قاتتىق تەنقىد قىلماقچى بولغان ئىكەن. مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ ئىچىم ئۆرتىنىپ كەتكەن ئىدى. كېيىن شەرقى تۈركىستان ۋەقىپتە شۇنداق بىر يىغىن ئېچىلغان. بۇ يىغىندا ھاجى ياقۇپ ئانات مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى تەنقىد قىلماقچى بولغان ئىكەن بىر ئايال (مەن ئايال دېگەندەك ئاڭلىغان) ئوتتۇرىغا چىقىپ ھاجى ياقۇپقا قاتتىق گەپ قىلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلدە- تۈركىيەدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى قارىلاش ياكى تەنقىد قىلىشقا ئۇرۇنۇش خىزمىتى تامامەن توختىغان.

    تۆمۈر داۋامەت يەنە خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغان.

    تۆمۈر داۋامەت 1993- يىلى 12- ئايدا ۋەزىپىسى تۈگىگەندىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىنغا مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرسىغىچە بېيجىندا ياشاشقا مەجبۇر بولغان.

    تۆمۈر داۋامەت 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى (چارشەنبە) 91 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بېيجىندا ۋاپات بولغان.

    ئەسكەرتىش:

    بۇ تۆمۈر داۋامەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بولۇپ، ئۇنىڭ «قانداق ئادەم؟» ئىكەنلىكى

توغرىلىق تولۇق ۋە تېخىمۇ ئېنىق بولغان تەرجىمىھالىنى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىمىزغا ھەمدە

تۆمۈر داۋامەتنى يېقىندىن بىلىدىغان كىشىلەرگە ھاۋالە قىلىمىز.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ