ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۆتىنچى قېتىملىق دۇنيا مۇسۇلمان ئايال رەھبەرلىرى يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-10-23 10:05:35 جەمئى 14810 قېتىم ئوقۇلغان.

تۆتىنچى قېتىملىق دۇنيا مۇسۇلمان ئايال رەھبەرلىرى يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۆتىنچى قېتىملىق دۇنيا مۇسۇلمان ئايال رەھبەرلىرى يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى
20- ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا << قۇددۇسنىڭ چىرىغى ئۆچمەيدۇ >> تېمىدا 4- قېتىملىق دۇنيا مۇسۇلمان ئايال رەھبەرلىرى يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يېغىن << تۈرك ئەرەب مۇسۇلمانلىرى بىرلىكى >> تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىدىن مۇنەۋۋەر خانىم قاتارلىق ئۈچ ئايال تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يېغىنغا يەمەن، مىسىر، قاتار، كۈۋەيت، پەلەستىن، ھىندونېزىيە، غەززە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن بولۇپ نۇرغۇن ئاياللار قاتناشتى.
يېغىندا، قۇددۇس ئاياللىرىنىڭ جاسارىتى، ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۆرسىتىۋاتقان پىداكارلىقلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. قۇددۇسنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەمكارلىشىش، قۇددۇسقا بولغان مۇھەببەت، بەيتۇلمۇقەددەسىنىڭ خەلقئارا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئورنى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى، بەيتۇلمۇقەددەس مەسىلىسىنى خەلقئاراغا قانداق تەشۋىق قىلىش، ھازىرقى دەۋرىدە ئايال رەھبەرلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيىلەر سۆزلىنىش بىلەن بىرگە، بارلىق ئاياللاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى ئايال ساھابىلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۆرنەك قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، دۇنيادا قەد كۆتۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش تەلەپ قىلىندى
يېغىنغا سۇلتان ئابدۇلھەمىتخاننىڭ بەشىنچى نەۋرىسى ئاخان سۇلتان قاتنىشىپ، ئابدۇلھەمىتخاننىڭ << جىسمىمنى نەچچە پارچە قىلىۋەتسىمۇ قۇددۇستىن بىر پارچە يەر بەرمەيمەن >> دېگەن مەشھۇر سۆزنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، يېغىن كەيپىياتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ