<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تىلشۇناس مىرسولتان ئوسمانوف ئالەمدىن ئۆتتى


تىلشۇناس مىرسولتان ئوسمانوف ئالەمدىن ئۆتتى
6- دېكابىر تۈرك مىللىيەت گېزىتى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ھەر جەھەتتە ئالدىدا ماڭغان ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور مىرسۇلتان ئوسمانوف 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر شەرقىي تۈركستاننىڭ ئۈرۈمچىدە 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەرھۇم مىرسولتان ئوسمانوف 1929- يىلى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئائىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان.
مەرھۇم مىرسۇلتان ئوسمانۈف چاغاتاي تىلدىكى تارىخى ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە دىئالېكتلىرى تەتقىقاتىدىكى داڭلىق ئالىم بولۇپ، تۈركولوگىيە ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى تەربىيىلىگەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرچە ۋە چاغاتايچە قول يازمىلارنى تېپىپ ئۇيغۇر تەتقىقات خەزىنىسىگە قوشقان. مىرسۇلتان ئوسمانوف 85 يېشىدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن دۆلەت كۈتۈپخانىسىغا بېرىپ ئىزدىنىپ، بۇرۇن ئوسمانلىچە ياكى تاتارچە دەپ ئەنگە ئېلىنىپ قالغان قول يازمىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بەزىلىرىنى كۆپەيتىپ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ كېتىپ ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا سۇنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ