<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تاماق يېيىشتىكى توغرا بولغان ئولتۇرۇش شەكلى
 

      تاماق يېيىشتىكى توغرا بولغان ئولتۇرۇش شەكلى

 ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزى (رەھىمەھۇللاھ)

       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن يۆلىنىپ يېمەيمەن» دېگەن. [بۇخارى 5398 ـ ھەدىس] يەنە: «خىزمەتكار ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ، خىزمەتكار يېگەندەك ھالەتتە يەيمەن» دېگەن. ئۆلىمالار يۆلىنىپ ئولتۇرۇشنى ئۈچ خىل تەپسىر قىلدى. بىرى: بەدەشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇش. يەنە بىرى: بىر نەرسىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇش. ئۈچىنچىسى: يېنىچە قىڭغىيىپ (سىڭايان) بولۇپ يېتىش. بۇنىڭ ئىچىدە يېنىچە يېتىپ يېيىش زىيانلىق. ئۇ تاماقنىڭ تەبىئى ھالدا يۈرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاشقازانغا بېسىم ئەكېلىپ، ھەزىم قىلىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. ئۇ ھالەتتە تاماقمۇ ئاش قازانغا ئاسانلىقچە بارالمايدۇ.ئالدىنقى ئىككى خىل ئولتۇرۇش بولسا بەندىلىككە خىلاپ كېلىدىغان تەكەببۇرانە ئولتۇرۇشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن خىزمەتكاردەك (قۇلدەك) ئولتۇرۇپ يەيمەن» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىزلىنىپ، سول پۇتىنى ئالدىنقى ئوڭ پۇتى ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتى» دېگەن. [مۇسلىم 5299 ـ ھەدىس] بۇ خىل ئولتۇرۇش پەرۋەردىگار ئالدىدا كەمتەر ۋە ئەدەپلىك ئولتۇرۇشتۇر. تاماق ۋە تاماق يېگۈچىلەرگە ئېھتىراملىق ئولتۇرۇشتۇر. بۇ خىل ھالەتتە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش ئەڭ پايدىلىق ياخشى ھالەتتۇر. چۈنكى بۇ ھالەتتە ھەممە ئەزالار ئاللاھ ياراتقان تەبىئى ھالەتتە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەدەپ- ئەخلاق قوشۇلغان. ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئوزۇقلىنىشى ئەزالىرىنىڭ تەبىئى ھالەتتە بولۇشىدۇر. تەبىئى ھالەت شەكىللىنىش ئۈچۈن ئولتۇرۇشمۇ تەبىئى بولۇش كېرەك. ئەڭ ناچار ئولتۇرۇش يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك يېنىچە ئولتۇرۇشتۇر. بۇ ھالەتتە بارلىق ئەزالاردا سىقىلىش بولىدۇ. ئاشقازان تەبىئى ھالەتتە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىر تەرەپتىن بىر تەرەپكە سىقىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن نەپەس بىلەن يېمەكلىك ئارىسىدىكى پەردە تەرەپكە سىقىلىدۇ.ئەگەر بۇ ھەدىستىكى يۆلىنىش ياستۇق ياكى كۆرپىگە يۆلىنىش بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ھەدىسنىڭ مەناسى مۇنداق بولىدۇ: مەن ياستۇق، كۆرپىلەرگە يۆلىنىپ تەكەببۇرانە ياكى كۆپ تاماق يەيدىغانلاردەك تاماق يېمەيمەن. لېكىن مەن خىزمەتكارلاردەك نورمال تاماق يەيمەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ بارمىقى بىلەن تاماق يەيتتى. بۇ بىر خىل مەنپەئەتلىك ئۇسۇلدۇر. بىر ياكى ئىككى بارماق بىلەن يېيىلسە تاماقنىڭ تەمىنى تېتىغىلى بولمايدۇ. تاماق يېگەندەكمۇ بولمايدۇ. قورساق تويدۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. ھەزىم قىلىش سستېمىلىرىمۇ، ئاشقازانمۇ خوشال بولمايدۇ، ئۇنى قارىسىغىلا قوبۇل قىلىدۇ. خۇددى بىر ئادەم بىرتال ياكى ئىككى تال دان بىلەن لەززەت ھاسىل قىلمىغاندەك. شۇنىڭدەك بەش قول بىلەن يېيىش، راھەت بىلەن يېيىش تائامنىڭ ئاشقازان ۋە ھەزىم قىلىش يوللىرىغا چىڭدىلىپ قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.گاھىدا يول ئېتىلىپ ئۆلۈشىمۇ مۇمكىن. تائام ئاشقازانغا چىڭدالسا، ھەزىم قىلىش سستېمىلىرى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا، ئاشقازان كۆتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇ ھالدا لەززەت ۋە راھەت بولمايدۇ. ئەڭ مەنپەئەتلىك يېيىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەندەك ئۈچ بارماق بىلەن يېيىشتۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېمەكلىكىنى ئوبدان تەھلىل قىلغان ئادەم شۇنى بىلىدۇكى: ئۇ سۈت بىلەن بېلىقنى، سۈت بىلەن ئاچچىقى- چۈچۈكنى، ئىككى خىل ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقنى ياكى ئىككى خىل سوغۇق يەبىئەتلىك تاماقنى، ئىككى خىل شىلىمسىمان نەرسىنى، ئىككى خىل قەۋزىيەتلىك نەرسىنى، ئىككى خىل سۈرگىنى، ئىككى خىل قاتتىق نەرسىنى، ئىككى خىل يۇمشاتقۇچىنى، ئىككى خىل بىر خىلىت پەيدا قىلغۇچىنى، ئىككى خىل ئوخشاشمىغان خىلىت پەيدا قىلغۇچىنى (يەنى قەۋزىيەت بىلەن سۈرگىنى، ھەزىم بولۇشى تېز بىلەن ھەزىمى ئاستىنى)، كاۋاپ بىلەن سۇدا پىشىرۇلغاننى، يۇمشىقى بىلەن قاتتىقىنى، سۈت بىلەن تۇخۇمنى، سۈت بىلەن گۆشنى بىرلا ۋاقىتتا بىرلەشتۇرۇپ يېمىگەن. بەدەننىڭ ھارارىتى قاتتىق يۇقىرى بولغاندىمۇ تاماق يېمىگەن. بۈگۈن پىشۇرۇلغان تائامنى ئەتىسى قىزىتىپ (ئىسىتىپ) يېمىگەن. چىرىپ قالغان نەرسىلەرنى، تۇزلانغان كۆكتاتقا ئوخشاش تۇزلۇق نەرسىلەرنىمۇ يېمىگەن. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى زىيانلىق بولۇپ نورماللىق ۋە ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىللەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بۇخىل يېمەكلىكنىڭ زىيىنىنى مۇمكىن بولسا ئۇ خىل يېمەكلىك بىلەن ئوڭشايتتى. ئۇنىڭ ھارارىتىنى بۇنىڭ سوغۇقى بىلەن سۇندىراتتى. بۇنىڭ قۇرغاقلىقىنى ئۇنىڭ ھۆللىكى بىلەن تەڭشەيتتى. مەسىلەن: خورما بىلەن تەرخەمەك يېگەندەك ياكى خورما بىلەن سېرىق ماي يەپ، ئاندىن خورمىنىڭ چىلىغان سۈيىنى ئىچكەندەك. (خورمىنىڭ چىلىغان سۈيى قاتتىق يېمەكلىكلەر كەيمۇسىنى يۇمشىتىدۇ).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تال خورما بىلەن بولسىمۇ كەچلىك تاماق يېيىشكە بۇيرۇيتتى. ‹تىرمىزى› دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹كەچلىك تاماق يېمەسلىك ئادەمنى بالدۇر قېرىتىۋىتىدۇ› دېگەن. [1856 ـ ھەدىس]پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇخلاشتىن توسقان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلاش قەلبنى قاتتىق قىلىدىكەن.تىۋىپلار سالامەتلىكنى ئاسراشنى خالايدىغان كىشىلەرگە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئازراق يول مېڭىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا يۈز قەدەم مېڭىش كېرەك دەپ قارايدۇ. تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلاش ناھايىتى زىيانلىق، شۇڭا مۇسۇلمان تىۋىپلار تاماقتىن كېيىن ناماز ئوقۇش كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا يېمەكلىك ئاشقازاننىڭ تۈۋىگە بېرىپ، ھەزىم قىلىش قولايلىق بولىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماقتىن كېيىنلا سۇ ئىچمەيتتى، بولۇپمۇ ئۇ سۇ ناھايىتى سوغۇق ياكى قىزىق بولسا، ئۇ ناھايىتى زىيانلىق.چېنىقىشتىن كېيىن، چارچىغاندىن كېيىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تاماق يېيىشنىڭ ئالدى كەينىدە، مېۋە- چىۋە يېگەندىن كېيىن... سۇ ئىچىش ناھايىتى زىيانلىق. يەنە مۇنچىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. بۇ ساغلاملىقنى ئاسراشقا خىلاپتۇر، ئادەتكە چىداش كېرەك. ئۇ بىرقانچە سىكۇنتلىق ھالەت.تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ