ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكا تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

تالىبان بىلەن ئامېرىكا سۆھبەت ئۆتكۈزشكە باشلىدى

18- دېكابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكا تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد يازما باياتان ئېلان قىلىپ، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ۋە دۆلەتتە تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى،  سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تىنچلىق ئورنىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنى ، سۆھبەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئابدۇسسالام راھىمى باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان ھەيئىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلىرى ئۆكتەبىر ئېيىدا قاتاردا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىلىكى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ