ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تاشمۇھەممەد باتۇر قاتارلىق سەنئەتچىلەرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۇرۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-08 11:27:27 جەمئى 3453 قېتىم ئوقۇلغان.

تاشمۇھەممەد باتۇر قاتارلىق سەنئەتچىلەرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۇرۈلدى

تاشمۇھەممەد باتۇر قاتارلىق سەنئەتچىلەرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۇرۈلدى
ئۆز خەۋىرىمىز؟ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت گۇۋاھلىق بىرىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېقىندا بىر قىسىم سەنئەتچىلەرنى سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى:
1.غۇلجا شەھەر تاشكۆۋرۈك مەھەللىسىدە ئۇلتۇرۇشلۇق خەلقىمىزگە تونۇشلۇق سەنئەتچى تاشمۇھەممەد باتۇرنىڭ 2018- يىلى 3- ئاي ئەتراپىدا سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغىچە لاگىردا ئىكەن.
2. 2007- يىلى « دەپتىمەن » ناخشى بىلەن خەلق ئارىسىدا تونۇلغان رەنا مىجىت، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى 2018- يىلى 2- ئاي ئەتراپىدا لاگېرغا تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ سەۋەبى ئۆزى ئىجاد قىلغان ناخشىغا (m T V ) ئىشلەش ئۈچۈن 2015- - يىلى تۈركىيىگە كېلىپ ئانتاليىدە بىر ئاي تۇرغانلىقى ئىكەن.
3. غۇلجا شەھىرىدە نامى چىققان ئاتاقلىق چاقچاقچى پەرھات باجى ئۆتكەن يىلى سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇندىن باشقا يەنە« باراي»، « ئاي گۇۋاھ » دېگەن ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان ئەنۋەر ھاكىممۇ سەۋەبسىزلا لاگىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا يەنە« باراي»، « ئاي گۇۋاھ » دېگەن ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان ئەنۋەر ھاكىممۇ سەۋەبسىزلا لاگىرغا تۇتقۇن قىلىنغان. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ