ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بېيكوزدا « لاگېرلار تاقالسۇن» تېمىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-04 11:20:56 جەمئى 1716 قېتىم ئوقۇلغان.

بېيكوزدا « لاگېرلار تاقالسۇن» تېمىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

بېيكوزدا « لاگېرلار تاقالسۇن» تېمىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

3-فېۋرال بېيكوز پاشا باغچا مەيدانىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار تاقالسۇن» تېمىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىلىشقا تۈرك قېرىنداش تەشكىلات ئەزالىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېرورلۇق تۆھمىتى بىلەن تۈرمە، لاگېرلارغا قاماپ، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

يىغىلىشتا يەنە يازغۇچى ئادەم ئۆزكۆسە سۆز قىلىپ: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن يىغىلدۇق. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇشلار بىز ئۈچۈن، شۇنداقلا بارلىق ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن بىر سىناق. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا ئۈنسىز قالسا، بىز ئۈنسىز قالمايمىز. شەرقىي تۈركىستان ئۈممەت مەسىلىسىدۇر» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ