ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا داغ چۈشكەن قارا كۈن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-10-01 14:21:26 جەمئى 6771 قېتىم ئوقۇلغان.

بۈگۈن 10‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى قايغۇ ئەلەم ئىچىدە قولىدىن كەتكەن مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلەيدىغان، خاتىرىلەيدىغان ئەلەملىك بىر كۈن. بۈگۈن بۇنىڭدىن دەل 62 يىل مۇقەددەم يەنى 1949 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ھىيلە - مىكىر بىلەن ئىشغال قىلىۋالغان بىر كۈن.
 

 بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا داغ چۈشكەن قارا كۈن

 

   بۈگۈن 10‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى قايغۇ ئەلەم ئىچىدە قولىدىن كەتكەن مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلەيدىغان، خاتىرىلەيدىغان ئەلەملىك بىر كۈن. بۈگۈن بۇنىڭدىن دەل 62 يىل مۇقەددەم يەنى 1949 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ھىيلە - مىكىر بىلەن ئىشغال قىلىۋالغان بىر كۈن. 

ماۋزېدۇڭ ۋە ئۇنىڭ چوماقچىلىرى مۇستەقىللىق كۈنى دەپ ئېلان قىلغان بۇ كۈن ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان، شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ بىر قەتلىئام يۈز بەرگەن، پاچىئەلىك بىر كۈندۇر. بۇ كۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بايرام ئەمەس ماتەم كۈنىدۇر. خىتاي كوممۇنست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949 ‏- يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئېغىر زۇلۇملارنى سېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى تۈرمىگە قاماش، ئۆلتۈرۈش، ئاسىملاتسىيە قىلىش، مىللىي، دىنىي، مەدەنىيەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، خىتايلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، مەجبۇرىي پىلانلىق توغۇتنى يولغا قويۇپ دۇنياغا كۆز ئاچىمىغان بىگۇناھ مەسۇم بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت قاتىللىق جىنايەتلىرىنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. ئەمما ئىگىلمەس، پۈكمەس شەرقىي تۈركسىتان خەلقى خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقلىرىغا تىز پۈكمەي 62 يىلدىن بۇيان ئازادلىق، مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرى، كۈچ كۆرسىتىپ ئىرقىي قىرغىن قىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا بولغان ئىنتىلىشىنى، مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىرادىسىنى يوقىتالمىدى ھەمدە يوقىتالمايدۇ. 

 شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئەركىنلىككە موھتاج، خىتاي زۇلۇمىدىن ئازاد بولۇشنى، مۇستەقىل ھۆر دۆلەت قۇرۇشنى خالايدۇ، ھەرگىزمۇ خىتايغا باش ئىگىپ قۇللۇق تۈزۈم ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەر قايسى شەھەر رايونلىرىدا يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار ياڭراۋاتىدۇ. ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ دۆلەت كۈنلىرىنى تەبرىكلىمەيدۇ. ئەمما بۈگۈن خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى كوچىلارغا چىقىرىپ پائالىيەت قىلىشقا زورلاۋاتىدۇ. بايرام دېگەن خۇشاللىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەر كىم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر پائالىيەت ئەمما، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ بايرامغا قاتنىشىشىقا مەجبۇرلاپ، كىشىلەرنى كوچىلارغا چىقارماقتا. قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا، قۇمۇل، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاينىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلانماقتا. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇ كۈنى بولغان، شەرقىي تۈركسىتان تارىخىغا قارا داغ چۈشكەن بۇ تارىخى كۈندە ۋەتەن ئچىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زورلىشى بىلەن بايرام قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىپ تۇرۇپ، ئىچىدە يىغلىماقتا. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئېچىنىشلىق تارىخنى ئەسلەپ يىغىن، مۇراسىم،  نامايىش قىلىش دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى غەزەپ نەپرەتلىرىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەنسىزلىك دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ، يارىلانغان يۈرەكلىرىگە مەلھەم سۈرتۈشكە تىرىشماقتا. 

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركسىتاندا 62 يىلدىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ ئېغىر جىنايەت ئىشلەۋاتىدۇ.  خىتاي  كوممۇنسىت ھاكىمىيىتى 62 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش، سوت ئاچماستىن ئۆلتۈرۈش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش، مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قانۇنسىز كۆچۈپ كېلىشى، دىنىي تەلىم-تەربىيىگە چەكلىمە قويۇشى، ئىبادەتنى چەكلەش، مەمۇرىي خىزمەتلەردىن مەھرۇم قىلىش، ئەيدىزگە ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىش، ئۇيغۇر قىزلارنى ئېشىنچا ئەمگەك باھانىسى بىلەن ئۆز ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىپ، ئەجنەبى شەھەرلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئاخباراتلارنىڭ چەكلىنىشىگە ئوخشاش دەپسەندىچىلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۈلدى.

زۇلۇم ھەرگىزمۇ داۋام قىلمايدۇ، خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرىغا خاتىمە بېرىلىدىغان كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالدى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ھىممىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان چوقۇم ئازاد بولىدۇ. بىزمۇ شۇ چاغدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان كۈنلەرنى خاتىرىلەپ تەبرىكلەپ پائالىيەت قىلىمىز. ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنسىت دىكتاتور ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ھەرگىزمۇ تەبرىكلىمەيدۇ. بۇ ھاكىمىيەتنى بىر ئىشغالچى ھاكىمىيەت دەپ قارايمىز، خىتايلارنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى دەپ قوبۇل قىلمايمىز. دۇنيادا كوممۇنىزىم ئاخىرلىشىۋاتىدۇ، خىتاي كوممۇنسىت ھاكىمىيىتىمۇ چوقۇم يىمىرىلىدۇ، يىمىرىلىشى كېرەك. ئىچ ئىچىدىن پارچىلىنىپ ئۆزىنى ئۆزى پارچىلاپ تۈگىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان بىر كۈنى چوقۇم مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل. 

مۇساجان بايتاش

 2011‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 1‏- كۈنى ئىستانبۇل

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ