<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قەدىرلىك قېرىندىشىم! ئاز كۈنلەر قالدى، ساناقلىق بىر قانچە كۈن ۋە كېچە قالدى. سىز قانداق ھەدىيە ئېلىشقا تىرىشقانىدىڭىز؟ قانداق ھەدىيىە لەرنىڭ خىياللىرىنى سۈرگەن ئىدىڭىز؟ ئاللاھ تەرەپتىن بېرىىدىغان ھەدىيەنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمۇسىز؟

ھەش- پەش دېگۈچە بۇ مۇبارەك رامىزان ئىيى ئاخىرلىشىشقا قاراپ ماڭدى. كۆپىنچە ساھابىلارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن ئىسلام ئالىمى قەدىر كېچىسىنى تېپىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولغان رامىزاننىڭ 27- كۈنىنىمۇ ئۆتكۈزدۇق. رەببىمىز ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل ، دۇئائىرىمىزنى ئىجابەت قىلسۇن!

مۇسۇلمان دۇنياسى رامىزان كىرىش بىلەن باشلانغان جۇشقۇنلۇققا تولغان ئىدى. گەرچە  بۇ يىلقى جۇشقۇنلۇق بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا بەكرەك قايغۇلۇق كىرگەن بولسىمۇ لېكىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، مەغپىرىتى ۋە جەھەننەمدىن قۇتۇلۇش پۇرسىتى بولغان بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئاللاھتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدىغان مۆمىن مۇسۇلمانلار بۇ ئاينى قۇتۇلۇش ئېيى دەپ بېلىدىغانلىقى، بۇ ئايدىكى ساۋاپلارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن قات- قات ئەجىرلىنىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردا يەنىلا ئىبادەت جۇشقۇنلىقى بار ئىدى. يەنە مەسجىتلەر    تەراۋىھلاردا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قىستاقچىلىق مەنزىرىسىنى كۆرگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئايغا خاس بىراق مەناسى جەھەتتىن بۇ ئاينىڭ تەلىبىگە زىت بىر جۇشقۇنلۇق بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ رامىزاندىن كېيىن كېلىدىغان ھېيت تەييارلىقى. نۇرغۇن ئۆيلەر ئىبادەت ئۈچۈن بىر- بىرى بىلەن مۇسابىقىغە چۈشسە، نۇرغۇن ئۆيلەر ھېيتلىق ئېلىم – بېرىم، سودا سېتىق ، ئۆي جابدۇقلىرىنى يېڭىلاش، بايراملىق كېيىم – كىچەك سېتىۋېلىش ھاياجانى بىلەن جۇشقۇنلۇشۇپ كەتكەنىدى.

 توغرا ، ھېيت ئاللاھنىڭ بىز مۇسۇلمانلارنغا بەلگىلەپ بەرگەن مۇبارەك كۈنى بولغاچقا بۇ ھېيتتىن چوقۇم ھەدىيە تەمە قىلىمىز. روزا ھيېتتا ھەممىمىز ھەدىيىەگە مۇھتاجمىز.  ئۇنىڭ ھەدىيەسىنى بىزگە كىم بېرىدۇ؟  

ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ساھابىلار ھېيتقا قانداق كىرگەن ؟ ئۇلارغا قانداق ھەدىيەلەر بېرىلگەن ؟ كىم تەرەپتىن بېرىلگەن؟ بۇنى بىلىدىغىنىمىز ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.

ئەلۋەتتە  بىزنىڭ مۇبارەك دىنىمىز ھېيتلاردا ئۆيگە كېلىدىغان مېھمانلار ئۈچۈن ئۆيلەرنى پاكىزە تۇتۇش، ئىمكانى بولسا ئۆي ئەھلىنى سۈيۈندۈرۈش ئۈچۈن ، ھېيت نامىزىغا كىيىپ بېرىشقا بولىغىدەك يېڭى ، يېڭى بولمىسىمۇ پاكىزە ، چىرايلىق  كىيىملەرنى كىيىشن بۇيرىغان ئىدى.

لېكىن بۇنىڭدىن بەكرەك ھەر بىر رامىزانغا تەشنالىق بىلەن كىرىپ، ھېممەت بىلەن ئىبادەت ۋە خەير ئىھسان قىلىپ، گۇناھلار ئۈچۈن يالۋۇرۇپ مەغپىرەت تىلەش ئارقىلىق رامىزاندىن پاكلىنىپ، خۇددى ئانىدىن يېڭىدىن تۇغۇلغاندەك پاكلىنىشنى بويرىغان ئىدى.

نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارمۇ مېغىزىنى تاشلاپ شاكىلىنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە رامىزاننى ھەققى بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ئارقىلىق خوش خەۋەر بېرىدىغان مەنىۋىي ھەدىيەسىدىن بەكرەك ئۆزىمىز سېتىۋالىدىغان ھەدىيەلىرىمىز ئۈچۈن پاي- پېتەك بولۇپ كېتىۋاتىمىز.  يېنىمىزدا يېتەرلىك پۇل بولمىسا قەرز ئېلىپ، باشقىلارنىڭ زاكات فىتىرلىرىنى ئېلىپ بولسىمۇ ھەدىيە ئېلىشقا يۈگۈرەۋاتىمىز. قۇرۇپ قېلىۋاتقان ئىچىمىزنى بىزەشنىڭ، غەپلەتتە ئۇخلاۋاتقان دىلىمىزنى پاكلاشنىڭ، ئاچ قالغان روھلارنى تولدۇرۇشنىڭ ئورنىغا تېشىمىزنى زىننەتلەشكە پالاقشىپ كېتىۋاتىمىز.

ئەمەلىيەتتە بىز بىلەلىسەك ، روزا ھېيت ھەدىيەسى ئاللاھنىڭ ھەدىيەسى بولىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، روزا ھيېت ئاللاھنىڭ بويرۇقى ۋە تەلىۋى بويىچە روزا تۇتالغان، ئىبادەت قىلالىغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، مەغپىرىتىگە ئېرىشكىدەك دەرىجىدە ئەمەل قىلالىغان، تىلىنى، كۆزىنى، نەپسىنى، قۇلۇقىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ھەممە نەرسىدىن يىراق تۇتالىغان، كېچىلىرى قىيامدا، كۈندۈزلىرى يېتىم، مۇھتاج، پېقىر ، ئاجىز كېسەللەرنىڭ يېنىدا ياكى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خىزمەتكە يۈگۈرەپ ئۆتكەزگەنلەر ئۈچۈندۇر. ناۋادا بىز بۇلارنى قىلالمىساق، بىز ئاللاھنىڭ بىز ئۈچۈن ئەڭ كاتتا ھەدىيەسى بولغان ھېيتنىڭ مەنىۋى ھوسۇلىدىن قۇرۇق قالدۇق، دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەدىيەدىن قورۇق قىلىپ، دۇنيالىق زىننەت ئۈچۈن پالاقشىغانلارنىڭ ئالغانلىرى ئۇلار ئۈچۈن نادامەت ئلېىپ كېلىغانلىقى ئېنىقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى رامىزان ئېيىنى تېپىپ، ئۇ ئاينىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمىغان، مەغپىرەت بولۇنغىدەك دەرىجىدە ئەمەل، ئىبادەت قىلالمىغنالارنىڭ بۇرنى توپىغا مللەنسۇن دېگەن جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا ئامىن!  دېيىش ئارقىلىق  بىزگە رامىزاننىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئۆگەتكەن ئىدى.

بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى سۇدەك ئېقىۋاتقان، ئاچلىق ، يوقسۇلۇق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن چارىسىز قالغان مۇسۇلمانلار پەقەت جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەتتا باشقا دىنلارغا كىرىشكە مەجبۇر قېلىۋاتقان كۈنلەردىكى رامىزانلاردا...

قەدىرلىك قېرىندىشىم! ئاز كۈنلەر قالدى، ساناقلىق بىر قانچە كۈن  ۋە كېچە قالدى. سىز قانداق  ھەدىيە ئېلىشقا تىرىشقانىدىڭىز؟ قانداق ھەدىيىە لەرنىڭ خىياللىرىنى سۈرگەن ئىدىڭىز؟ ئاللاھ تەرەپتىن بېرىىدىغان ھەدىيەنى قوبۇل قىلىشقا  تەييارمۇسىز؟

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ