<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كىچىكىمدە بوۋامدىن ۋەتەن ئىشقى دېيىشىدىكەن ۋەتەن ئىشقى قانداق بولىدۇ بوۋا؟ دەپ، سورىسام بوۋام ماڭا قاراپ ۋەتىنىنىڭ ئىشقىنى ۋەتىنىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، سەنمۇ چوڭ بولغاندا چۈشىنىپ قالىسەن دېگەن ئىدى.

بۇ بىر سىناق
مانا بۈگۈن ۋەتىنىمدىن ئايرىلغىلى توپ-توغرا ئىككى يىل بولدى . كىچىكىمدە بوۋامدىن ۋەتەن ئىشقى دېيىشىدىكەن ۋەتەن ئىشقى قانداق بولىدۇ بوۋا؟ دەپ، سورىسام بوۋام ماڭا قاراپ ۋەتىنىنىڭ ئىشقىنى ۋەتىنىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، سەنمۇ چوڭ بولغاندا چۈشىنىپ قالىسەن دېگەن ئىدى. مانا ئەمدى ۋەتەن ئىشقنىڭ نىمىلىكىنى ۋەتىنىمدىن ئايرىلغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ھەربىر كۈن، ھەر بىر سائەت، ھەربىر مىنۇتقىچە ھېس قىلۋاتىمەن .
مۇسۇلمان بولغانلىقىم ھەمدە ھىجابىمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ۋەتىنىمدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولدۇم. تۈركىيەگە كەلگەن شۇ كۈندىن باشلاپ ۋەتەنسىز ياشاشنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىۋاتىمەن . ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىم ۋەتەنسىزلىكنىڭ ئاچچىق ئازابىنى ھېس قىلۋاتىدۇ . ئاتا- ئانا بالىلىرىدىن ئايرىلدى ، بالىلار ئاتا- ئانىلىرىدىن ئايرىلدى. مۇسلىمە قېرىنداشلىرىمىز ھىجابلىرىدىن ئايرىلدى . مۇسلىم ئەركەكلىرىمىز پەقەتلا مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن قاراڭغۇ تۈرمىلەرگە بەنىت قىلىندى . ئىپلاس خىتاي بۇلار بىلەنلا توختاپ قالمىدى. خىتاي بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى تۈپتىن قۇرتۇش ئۈچۈن بىزنى پۈتۈن دۇنياغا تېررورىست دەپ ئېلان قىلدى. چەتئەلگە ئۆزىنىڭ دىنى، ھىجابى ۋە ئىمانىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن چىققان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاتا- ئانا، قېرىنداشلىرىنى قېرى -ياش دىمەستىن قىيىن- قىستاققا ئىلىپ ھايۋانلارچە قىيناشقا باشلىدى. مۇسلىمە قېرىنداشلىرىمىزغا تۈرمىلەردە تاجاۋۇز قىلىندى، رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇش چەكلەندى. << ئۇگىنىش>> دېگەن نام ئاتاق بىلەن ئۇيغۇر ئەركەكلىرىمىزنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە سولىماقتا.
<<قوشماق تۇغقان>> سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ھەمشىرىلىرىمىزنى ئىپلاس خىتايغا ياتلىق قىلماقتا ، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىمىزنى ئىپلاس خىتاينىڭ قىزلىرى بىلەن ئۆيلىمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مېھمان بولۇپ بېرىش تۇققانلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈش دەپ ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە بىرىپ قونۇپ، ئۆزى خالىغان ئىپلاس قىلىقلارنى زورلاپ قىلدۇرماقتا. بۇلارمۇ ئاز كەلگەندەك مەسچىتلىرىمىز چېقىلىۋاتىدۇ، مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇش ئىپلاس خىتاينىڭ قانۇنىدا دىنى ئەسەبىيلىك دەپ، جاكارلاندى.
ئۆيدىكى قۇرئان ۋە دىنى كىتابلىرىمىز يىغىۋېلىندى. ئاتا ئانىلىرىدىن ئايرىلغان، يالغۇز قالغان سەبى بالىلار ئىپلاس خىتاينىڭ دارۇلئىيتام ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كىتىلمەكتە. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى، يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بىشىمىزغا ھەقىقەتەن كۆتۈرۈپ بولغۇسىز دەردلەر كەلدى ھەم كىلىۋاتىدۇ. ھاياتلىقىمىزنىڭ بىردىن- بىر ھاسىلى ، پۈتكۈل ئارزۇ -ئارمانلىرىمىزنىڭ بىردىن- بىر مۇراد ساھىلى بولغان ئىسلامىمىز ، دىنىمىز ئاياق ئاستى قىلىنماقتا، ئاچچىق ئەلەملەرنى ئىچىمىزگە يۇتقان ھالدا جەننەتكە بولغان زور ئىشتىياقىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە ئەتراپقا ئۈمۈد بىلەن باقماقتىمىز. ئىچىمىزدىكى شۇ كىچىككىنە ئۈمۈد بىزنى تىك تۇرۇشقا ئۈندەۋاتىدۇ . قەلبىمىزدىكى شۇ ئۈمۈد بىزنىڭ چوقۇم بىر كۈنى ۋەتىنىمىزگە قايتىپ، شۇ ئىپلاس خىتاينىڭ قولىدىن ۋەتىنىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقىمىزغا، ئىپلاس زالىم خىتاينى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشىمىزغا ، ئايرىلغان ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن جەم بولىدىغانلىقىمىزغا ئۈندەۋاتىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىقاندا، ئۇلۇغ رەببىمىز بولغان مېھرىبان ئاللاھ تائالا بىزلەرنى سىناۋاتىدۇ ، ئىمانىمىزنى ئۆلچەۋاتىدۇ. بۇ سىناقلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويىشىمىز ۋە ھەممىدىن ئايرىلغانلىق سەۋەبى بىلەن چۈشكۈنلىشىپ ھاياتتىن زارلىنىپ ياكى بۇ ھاياتتا ياشاشنىڭ ھىچ بىر ئەھمىيىتى يوق ئىكەن، كاشكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسام بۇ ئازاپتىن قۇتۇلغان بولاتتىم ، دىگەندەك گەپلەرنى قىلىش دۈشمىنىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىردىن- بىر نىشانى خالاس.
شۇڭلاشقا، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇسىبەت ۋە ئازابلار ئىچىدە ئۆزىمىزنى تۈگەشتۈرۈش ئەمەس ، بەلكى ئۈمىدۋار بولۇش بىلەن بىرگە ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ خالىسا بۇ زۇلۇم چوقۇم ئۆتۈپ كىتىدۇ. زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقىدىن ياش ئەمەس، بەلكى قان يىغلاۋاتقان كۆزىمىز ھامان بىر كۈنى خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكىدۇ ، سېغىنىشتىن پارە- پارە بولۇپ كەتكەن قەلبىمىز ھامان بىركۈنى پۈتۈن ھالىتىگە قايتىدۇ.
قەلىمىمنى يىزىشتىن توختىتىشتىن بۇرۇن ئۇلۇغ رەببىمدىن ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى تىزراق ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى، ئايرىلىشتىن، ئازاپتىن ، سېغىنىشتىن قان، قان يىغلاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا رەببىمدىن سەبىر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.
_ پاتىمە ھەسەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ