ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىنالى يىلدىرىم بېيجىڭدا زىيارەتە بولماق

3- دېكابىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنىتى) باشلىقى بىنالى يىلدىرىم بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باشلىقى لى جانسۇ بىلەن ئۇچراشقان.

خەۋەردە، ئۇچرىشىش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئۇچرىشىشتا بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي يۈزلىنىشتە كېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادا ئۆـكۈزۈلگەن گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ھەر ئىككى دۆلەتكە مۇناىسۋەتلىك مەسىلىلەردە مۇھىم قارارلارنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بىنالى يىلدىرىم ئۇچرىشىشتا يەنە، «تۈركيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىلتىزى ئىنتايىن چوڭقۇر ئاساسلارنى تايانچ قىلىدۇ. ئاسىيانىڭ بىر ئۇچىدا خىتاي، يەنە بىر ئۇچىدا تۈركىيە ئورۇن ئالىدۇ. رايون خاراكتېرلىق ۋە يەرشارى خاراكتېرلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىككى دۆلەتمىز. ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگەشىپ، پارلامېنتلىرىمىزنىڭ مۇناىسۋەتلىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئارا دېپلوماتىيەنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرۈشكە ئېھتىج بار» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، بىنالى يىلدىرىم مەقسەتكە ئۇيغۇن ھالدا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ باشلىنىشى ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ