ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىز دىن دۈشمەنلىرىمىزدىن ئۈمۈد كۈتۈپ بەك كۆپ كۈچىمىزنى زايە قىلىۋەتتۇق.

 

خىتاينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ۋە ئىكىسپۇلاتاتسىيەسى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنى جېنىدىن جاق تويغۇزغىلى قاچاندىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتماقتا. بولۇپمۇ گۈزەل ئىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستانىمىزنى " شىنجىئاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇن" دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتاش ئاستىدا قامال قىلىۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ كەلدى ۋە كېلىۋاتماقتا.

ئۆزلىرى ئاچقان " پەن" مەكتەپلىرىدە پەن بىلەن قوشۇپ ئوقۇتقان مېڭە يۇيۇش دەرسلىرىنىڭ تەسىرىدىن مېڭىسى يۇيۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇقلىرىمىز بىلەن بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇمىغان، ياكى ئوقۇغان بولسىمۇ كىچىكىدىن دىنى ئۇستازلىرىدىن ۋە ئائىلىسىدىن بۇزۇلماس ئەقىدىدىكى دىن دەرسى ئېلىپ يېتىشكەن دىنى زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغانلىق، ئەركىنلىك ، ھۆرلۈك ۋە ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىۋالغانلىق... تىل ۋە مەدىنىيىتىمىزنى يوق قىلىش ئىنقىلاپلىرىغا قارشى تۇرۇش پىكىرلىرىدە بىردەكلىك بولسىمۇ، مىللىتىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، بىردىن بىر چىقىش يولىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئىكەنلىكى ، پەرزەنتلەرنى مۇكەممەل دىنى ئەقىدىدە يېتىلدۈرۈش ۋە يۇرتىمىزنىڭ مۇسۇلمان دىيارلىق سۈپىتىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتلەردىكى پىكىرلەردە ئىختىلاپ ۋە زىتلىقلار مەيدانغا كەلدى ۋە بۇ بويىچە داۋام قىلىپ دۈشمەنگە نۇرغۇن يوچۇق ئېچىپ بېرىش بىلەن نۇرغۇن كۈچىمىز زايە كەتتى، كەتمەكتە. پەندە ئوقۇغان پاراسەتلىك، زىيالىلىرىمىز ھازىرقى زاماننىڭ تەرەقىيات زامانى ئىكەنلىكىنى، يېڭىلىق زامانى ئىكەنلىكىنى ¸دىن بىلەنلا ھەممە ئىشنى ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋايىمىزنى ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ تىلى بىلەن دېموكىراتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى تەرغىپ قىلىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنى دېموكىراتچىلار دەپ ئاتىۋالغان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىن ئۈمىد كۈتۈشكە، ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا ئىنتايىن كۆپ ماددى ۋە مەنىۋى كۈچ سەرپ بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، دىننى زاتلىرىمىزنى، دىن تەرغىباتچىلىرىمىزنى " قالاقلىق" بىلەن ئەيىپلەپ كەلدى. كېلىۋاتىدۇ.

بىزنىڭ دۈشمىنىمىزنىڭ بىر ئىكەنلىكى، دۈشمىنىمىزنىڭ نىشانىنىڭ مەيلى دىندار بولايلى، مەيلى مىللەتچى بولايلى بۇنىڭغا ھېچ پەرۋا قىلماستىن يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ مىللەتچىلىك داۋاسى بىلەن ياكى دىنچى داۋاسى بىلەنلا ھەل بولماستىن، ئاللاھنىڭ كىتابى ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىگە ئەگىشىش ئارقىلىقلا ھەقىقى تۈردە ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ، ناۋادا بۇنىڭ بىلەن دەرھال بىر زەپەرگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ ھېچ بولمىغاندا ھەق يول ئۈستۈدە مېڭىپ،ھەق يول ئۈستىدە  ئۆلگەنلىك ئەجرىمىز بىلەن ئاخىرەتلىكىمىزنى ئۇتقان بولىدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى نىدا چاقىرىقلار نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە ئورۇنسىز بىلىندى. بۇ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتماقتا. بىراق ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىزگە دەرس بولۇشقا يەتمەسمۇ؟ مىسىردىكى، سۈرىيەدىكى ، ئاراكاندىكى ، ئوت ئىچىدە كۆيىۈۋاتقان مۇسۇلمانلار... بۇنىڭدىن بۇرۇن بوسنا خەرسەكتە، چېچىنىستاندا، پەلەستىندە ئېراقتا نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدە نەچچە ئون ھەسسە قاتلىغىدەك قەتلىئاملار ... بۇ قەتلىئامنى لاھىيلەۋاتقان ئامېرىكا بېرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋرۇپادىكى كۈچلەر ، روس ۋە ئىران، خىتاي تەرەپلەر بىزگە ئۇلارنىڭ  يېتەرلىك دەرس بولۇشقا يەتمەسمۇ؟

ناۋادا كۈنىدە ئۆلمىسىمۇ نەچچە كۈندە يە ئوپچە، ياكى بىر- بىرلەپ ئۆلتۈرىلىۋاتقان، مېڭىسى يۇيىلىپ كەتكەن مىللى غالچىلار بىلەن بىرلىكتە، مىللىتىمىزنىڭ تۇپراقلىرىنى، قوللىرىدىكى ماللىرىنى، ئىشلىرىنى، ھەتتا نانلىرىنى تارىۋېلىۋاتقان، ئانا تىلدا ئوقۇش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان، ئاللاھ ئاتا قىلغان ساقال بۇرۇتىغا ئىگە چىقالمايۋاتقان، ياراتقان رەببىگە ھېچكىمگە دەخلى قىلماستىن ناماز ئوقۇپ ئىبادەت قىلىشى ئەڭ چوڭ گۇناھ ھېساپلىنىپ ئۇرۇپ باش­ ­ - كۆزى قان قىلىنىۋاتقان ، روزىسىنى تۇتۇرماي ئېغىز ئاچتۇرۋاتقان ، زەھەرلىك چېكىملىك، پاھىشەلىك ، نىجىسلىك يوللىرىغا تەشۋىق قىلىش، يېشىل چېراق يېقىش بىلەن مىللەتنى تۈپتىن يوق قىلىشقا كىرىشكەن خىتاي جاللاتلىرىغا ئوخشىغان ئاشۇ ئاللاھ دۈشمەنلىرىنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ كىملىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلاردىن ياردەم سوراش نىيىتىدىن ۋاز كېچىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟  خەلقئارالىق كۈچلەر بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئۈچۈن تەسىر قىلغىدەك بىر جۈملە سۆز قىلىپ، بىر ئىنساننىڭ ئۆلىمىنى توسۇپ قالالىدىمۇ؟ بىر پارچە يېرىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرەلىدىمۇ؟ خىتاينىڭ قولىدىن بىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا بىرەر پىلان، لاھىيە تۈزۈپ بىزگە ۋەدە بېرىپ باقتىمۇ؟

ئى قەدىرلىك قېرىندىشىم! كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ۋەتىنىمنىڭ پەرزەنتى بولغان يۇرتدىشىم، قاچانغىچە مۇسۇلمانلارنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئويناپ، مازاق قىلىپ قاھ- قاھ ئاتىدىغان يەھۇدىيغا گول بولىمىز، مۇشرىكلارغا گول بولىمىز؟ ئۇلاردىن دېموكىراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى تەلەپ قىلىمىز؟ بۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان كۈچىمىز، سەرپ بولغان مەبلىغىمىز ئازمۇ؟ بۇنىڭ بىلەن بىر- بىرىمىزگە بەرگەن ئازار، ئەزىيەتلىرىمىز ئازمۇ؟ بىز قاچانغىچە دۈشمەنلىرىمىزنى كۈلدۈرىدىغان يول ئۈستۈدە بىر- بىرىمىزنى يىغلىتىمىز؟ بەس يېتەر ئەمدى، ھېچ بولمىسا ئارىمىزدىكى مۇزلىرىمىز ئېرىگىچە قولنى – قولغا  تۇتۇپ ، بىرلىشىپ كۈچ بولۇپ كېتەلمىسەكمۇ  پارچىلىنىپ يوق بولمايلى. سۆزىمنىڭ ئاخىرسىنى سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى ، ئەڭ ھېكمەتلىكى بولغان ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

«ئى مۆمىنلەر ئۆزەڭلەردىن بولمىغانلارنى (يەنى مۇناپىقلارنى) دوست قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتە قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھسىزكى ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار. سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق. »(سۈرە ئالئىمران 118- ئايەت)

«ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر. ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. يەنى سىلەرنى يەھۇدىيلارنىڭ مىكرىدىن ساقلاشقا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ. »( سۈرە نىسا 45- ئايەت)

«ئۇلار( يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمە دېگەن يامان؟» ( سۈرە مائىدە 62- ئايەت)

«( ئى مۇھەممەد) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن.» (سۈرە مائىدە 82- ئايەت)

«ئى مۆمىنلەر ، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى ( يەنى ئىسلامنى¸قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر. .. سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.»( سۈرە مۇمتەھىنە 1- ئايەت)

يا رەببىم بىزنى قۇرئانغا ئېغىزدا ئەمەس، قەلبتە ئىمان ئېيتقان، ئەمەلدە ياشىغانلاردىن ئەيلە!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ