ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىر ھەيئەت تاڭنۇر تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-30 16:53:44 جەمئى 3234 قېتىم ئوقۇلغان.

بىر ھەيئەت تاڭنۇر تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

بىر ھەيئەت تاڭنۇر تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
28- ئۆكتەبىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، تۈركىيە تاشقىي تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇتەخەسسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھېمىت قاراخان قاتارلىقلار «تاڭنۇر تەلىم-تەربىيە مەركىزى» نى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا « مەركەز» نىڭ مۇدىرى شەمشىنۇر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىنىڭ «مەركەز» نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۆتتى. دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «مەركەز» نىڭ بىر يىل جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن تەكلىپ بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
« تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى» نىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ، ئېلىكتىرلەشكەن مائارىپنى يولغا قويۇشى، بۇ ئارقىلىق مۇھاجىرەتلىكى پەرزەنتلىرىمىزنى ھەر قانداق مۇھىتتا ئانا تىل ئۆگىنەلەيدىغان شارائىتقا ئىگە قىلىش كېرەك.»
ئابدۇلھېمىت قاراخان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى؛ بۇ جەھەتتە «تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى» بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ