ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب كۆرۈشكە ئامراق قىلىشنىڭ ئون ئەپچىل چارىسى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-01-11 11:34:57 جەمئى 57313 قېتىم ئوقۇلغان.

بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب كۆرۈشكە ئامراق قىلىشنىڭ ئون ئەپچىل چارىسى

ئاز بولمىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنى تېلېۋىزور كۆرۈش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناشقا سەرىپ قىلىشقا رازىكى، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى يىغىنچاقلاپ ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى كەمچىل، گەپ ئاڭلىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بالىلاردا ياخشى بولغان كىتاب كۆرۈش ئادىتىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى ئىگەللەپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش بارماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا، قايسى خىل ئۇسۇللار بالىلارنىڭ ياخشى بولغان كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ؟
كىتابنى قىممەتلىك سوۋغات ئورنىدا بالىلارغا سوۋغا قىلىش. دائىم بالىلارنى كىتابخانا ياكى كۇتۇپخانىلارغا ئاپىرىش. بالىلارغا ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىتابلارنى تاللىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەملىشىش، ئۇلارغا كىتابنىڭ ناھايىتى ياخشى سوۋغات ئىكەنلىكىنى ئېيتىش. بالىلارغا «مەن كىتابنى سوۋغات قىلىپ ئېلىشقا ناھايىتى ئامراق، كىتاب بىزنى ئۇلۇغ ئېكسپېدىتسىيەلەرگە باشلايدۇ» دېيىش.
ئۇنداقتا، زادى قانداق قىلغاندا بالىلاردا كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتلدۈرگىلى بولىدۇ؟
1. بالىڭىزنى بوۋاق-گۆدەك ۋاقتىدىن باشلاپلا كۇتۇپخانىغا ئاپىرىڭ.
بالىلارنىڭ كىتاب كۆرۈش ئادىتى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈلۈشى كېرەك. بالىلار ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا دائىم كۇتۇپخانىلارنى ئايلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغۇتۇشقا پايدىسى كۆپ، ۋاقتىڭىز چىققاندا بالىڭىزنى كۇتۇپخانىغا ئاپىرىپ، كۆڭۈل قويۇپ بىر-ئىككى پارچە ياخشى كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ.
2. ياقتۇرىدىغان يازغۇچىڭىز قىسقىچە تەرجىمالىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
بالىلارنىڭ كۆپ قىسىم ئادەتلىرى ئاتا-ئانىسىدىن كېلىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، ئاتا-ئانىلار كىتابقا ۋە كىتاب كۆرۈشكە ئامراق بولسا، بالىلاردىمۇ «كۆرگەننىڭ كۆزىگە سىڭىپتۇ، ئاڭلىغاننىڭ قۇلىقىغا» دېگەندەك تەبئىلا كىتابقا نىسبەتەن قويۇق ئىشتىياق پەيدا بولىدۇ. ياقتۇرىدىغان يازغۇچىڭىزنىڭ تەرجىمالىنى سۆزلەش ئارقىلىق بالىڭىزغا ئۇنىڭ بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىكلىكىنى، ئۇنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇش جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن كەچۈرمۇشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، بىلىمنىڭ بالىڭىزنىڭ گۆدەك قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈشىگە يول ئېچىڭ.
3. مۇھىم دەپ قارىغان ۋاقىتلاردا بالىڭىزغا كىتاب سوغا قىلىڭ.
بالىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، ھېيىت-بايراملاردا، مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرلەش بولغان ۋاقىتلاردا، ئويۇنچۇق تۈرىدىكى سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلماي بەلكى كىتاب سوۋغا قىلىڭ. بىر پارچە ياخشى كىتاب بالىڭىزنىڭ كۆپلىگەن ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى بىلىملەرنى ئۆگىنىۋېلىشغا، شۇنداقلا كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىسى كۆپ.
4. كىتاب ئوقۇشنى دىرامما ئويۇنىغا ئايلاندۇرۇش
بۇ نوقتا يەسلى ئوقۇتۇشىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ، بەزى بالىلار چۆچىكى ۋە ھېكايىلەر ئويۇن كۆرسىتىش شەكىلىدە رول ئېلىپ ئورۇنداش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئويۇن كۆرسىتىش شەكلى بىر گەۋدە بولۇپ ئورۇنلاش شەكلى، يەنى رول ئالغۇچىلار يەكمۇ يەك بولۇپ، ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ئوبرازلارنى تەھلىل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، تولۇق باغلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ؛ بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئوپچە ئورۇنلاش شەكلى قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى ئاۋۋال ھېكايە سۆزلەپ، بالىلار بىلەن بىللە پېرسوناژ ئۈستىدە مۇنازىرە ئىلىپ بېرىپ، كۆپچىلىك بىللە ئورۇندايدۇ، ئويۇن جابدۇقلىرى ئاددىيراق بولۇشى كېرەك.
ئۇندىن باشقا، ھەرىكەتچان رول ئېلىش شەكلىدە ئورۇنلانسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېكايىدىكى پېرسۇناژ ۋە ھەركەتلەرنى بالىلارنىڭ ئىختىيارىي جارى قىلدۇرۇشىغا قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەسسەۋۇر قىلىش كۈچى ئۇرغۇتىلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل شەكىل دىرامما ئويۇنىدا تەبئىي بىرلەشتۈرۈلسىمۇ ياكى ئايرىم ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ، مەيلى قانداق ئېلىپ بېرىلسۇن، بالىلارنىڭ كىتاب كۆرۈش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئۈنۈمى زور.
5. ياقتۇرىدىغان ماتېرىياللارنى كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىش
ئەگەر بالىڭىز بالىلار چۆچىكى ياكى ناخشا-شېئىرلارنى ياقتۇرسا، سىز گېزىت-ژۇرنال ياكى باشقا ماتېرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇ خىل مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ، ناۋادا ئېسىل مەزمۇنلار ئۇچراپ قالسا كېسىپ ئېلىپ خاتىرىڭىزگە چاپلىۋېلىڭ ياكى خاتىرلىۋېلىڭ، ھەر كۈنى كەچتىكى كىتاب ئوقۇش ۋاقتىدا بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە خاتىرىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى مول مەزمۇنلاردىن بىللە بەھىرلىنىڭ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بالىڭىزنى خاتىرە ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى رەتلەش ۋە كىتابچە قىلىپ يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ ۋە يېتەكلەڭ. بالىلار ئۆزى قول سېلىپ لازىملىق بىلىملەرنى ئىگەللەشنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ.
6. كىتاب كۆرۈش مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىش
ئەگەر بالىڭىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كىتاب كۆرۈش ئاساسى بولسا، ئۇنىڭ كىتاب كۆرۈش مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىڭ، بۇ چاغدا نەزەر دائىرىنى بالىلار چۆچىكى ۋە كارتون ھەجىۋى رەسىملەرگىلا قارىتىۋالماي، بەزىبىر گېزىت-ژۇرنال ۋە مەشھۇر ئەسەرلەرنى كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇپ، بالىلارنى دەرىستىن سىرتقى بىلىملىرىنى موللاشتۇرۇشقا يېتەكلەڭ.
7.بالىلار ناخشىسى(شېئرى) يادلىتىش
بالىلار ناخشىسى(شېئرى)نىڭ تىلى ئاددىي، ئوبرازى كۈچلۈك، ۋەزىنى روشەن، رېتىمى ئېنىق بولۇپ، بالىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى تاۋلاپ، ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، گۆدەك بالىلارنىڭ جەمئىيەت ۋە تەبىئەتنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، بالىلار ناخشىسى(شېئرى) بالىلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئېچىش، تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ.
8. كىتاب ئوقۇش ئۇيۇشمىسى قۇرۇش
ئوقۇتقۇچى سىنىپتا كىتاب ئوقۇش ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچىنى ئۇيۇشما رەئىسلىكىگە سايلاپ، ئۇيۇشما رەئىسى باشچىلىقىدا قەرەللىك ھالدا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى تەشكىللەپ، ئىپادىسى ياخشى بولغانلارنى تەقدىرلەش ئارقىلق بالىلارنىڭ كىتاب كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى ۋە كىتاب كۆرۈشكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
9. ئالاھىدە بايراملاردا ئالاقىدار كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇش
بالىلار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملار يېتىپ كەلگەندە، ئوقۇتقۇچىلار بالىلار ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى تەييارلاپ قويۇشى، بايرام پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بالىلار قىزىقىدىغان بايراملارنىڭ كېلىش تارىخى، ئىسمى، ۋاقتى، مەنىسى قاتارلىقلار تېمىلار توغرۇلۇق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بالىلارغا ئالاقىدار كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇتۇش ئۇلارنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
10. كىتاب بىلەن ياشاش
ياخشى ئادەت ھەر ۋاقىت يېنىمىزدا بولۇشى كېرەك، كىتابنى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى قىلىش تېخىمۇ شۇنداق، ئائىلىدە كىتابنى ئۆيىڭىزنىڭ «بېزەك ماتېرىيالى» دەپ قاراپ، كىتابنىڭ خۇشبۇي ھېدىنى ھەممە يەرگە تارقىتىڭ، مال سېتىۋېلىشقا چىققاندا كىتاب ئىشكابىڭىزنى كىتاب بىلەن موللاشتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ، كىتابنى دائىم تۇرمۇشىڭىزدا پەيدا قىلىپ، بىلىمنىڭ خۇشاللىقىنى ئاشۇرۇڭ.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فېسبۇكتىن ئېلىندى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ